بېيجىڭدىكى «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە توردىكى ئۇچۇر ۋە مۇنازىرىلەر قاتتىق چەكلەنگەن

بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تورغا قارىتىلغان قامالنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكى مەلۇم بولماقتا. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور باشقۇرۇش دائىرىلىرى بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 1-مارت كۈنىدىن ئېتىبارەن توردا ۋە ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە ۋاستىلىرىدا 9 خىل تېمىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ قاتتىق چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇقتۇرۇشتا سىياسىي سەزگۈرلۈكى بار تېمىلارنى، يالغان ياۋىداق سۆزلەرنى، ئىچكى ماتېرىياللارنى، زەھەرلىك ياكى سېرىق مەزمۇندىكى ماتېرىياللارنى، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى، ھەربىي ماتېرىياللار ۋە ئۇچۇرلارنى، دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە بېرىپ تاقىلىدىغان ماتېرىياللارنى، دىنى ئېتىقاد ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەپ-سۆز ھەمدە چۈشىنىكسىز ئۇلانمىلارنى تارقاتماسلىق ياكى تورغا يوللىماسلىق تەلەپ قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى بۇ ئۇقتۇرۇش 1-مارت كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلغان بولۇپ، خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ 8 يىلغىچە بولغان قاماق جازاسى بىلەن جازالىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ توردا يۇقىرىقى تېمىلار ئۈستىدە سۆزلىشىشنىڭ ئاللىقاچان چەكلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ئۈستىدە سۆزلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.