خىتاي شىركەتلىرىگە ئېلان قىلىنغان يېڭى جازا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق پەرىشان قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2025.01.15

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 14-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىدىن 37 شىركەت ۋە كارخانا گۇرۇھىغا ئىقتىسادىي جازا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 15-يانۋار كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ «تېگىشلىك چارىلەر» ئارقىلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ «قانۇنلۇق ھەقلىرىنى قوغدايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كارنىيى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 15-يانۋاردىكى باش ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى پۈتۈنلەي ئاساسسىز» دېگەن. شۇنىڭدەك «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلار پۈتۈنلەي قۇرۇق تۆھمەت» دەپ جاكارلىغان.

گو جياكۇن يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىنجاڭ مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ مۇشۇ خىلدىكى زەھەرخەندىلەرچە ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، شۇنىڭدەك دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇش ئۇرۇنۇشى، خالاس» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېخاندرو مايوركاس (Alejandro N. Mayorkas) 37 خىتاي شىركىتىگە جازا ئېلان قىلىش ھەققىدىكى قارارنى ئېلان قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەرنى جازالاش مەيدانىدىن ھەرگىزمۇ ۋازكەچمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە جاكارلىغان ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئېلان قىلغان كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ھەمدە ئوخشىمىغان نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يىلدىن يىلغا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، كان بايلىقى، كۈنتاختا، ئېنېرگىيە بايلىقى قېزىش، كېۋەز تېرىش، توقۇمىچىلىق قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە مۇھىم سالماقنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.