خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خېنەندە مەسچىتلىرىنى «خىتايچىلاشتۇرۇشى» تۇڭگانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان
2019.05.31
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويغان مەسچىتلەرنى چېقىش، قۇببە مۇنارلىرىنى ئېلىۋېلىپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش شەكلىنى «شەرق ئۇسلۇبى» غا ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگانلار ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان.
«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى پۇياڭ ناھىيەسىدىكى بىر تۇڭگان مەسچىتىنىڭ قۇببىسى ۋە ئۇنىڭدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق ئىسلامى سىمۋول چېقىپ تاشلانغان. خەۋەردە، پۇياڭ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ 4-ماي كۈنى مەسچىتنىڭ قۇببە ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق بەلگىسىنى مەجبۇرىي چېقىش تاشلىغانلىقى، ئۇنى چېقىپ تاشلاشقا 6 ئۈن ۋاقىت كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يەرلىك تۇڭگانلارنىڭ «زىمىستان» تورىغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مەسچىتنىڭ قۇببە ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق بەلگىسى 43 مىڭ دوللارغا پۈتكەن بولۇپ، ئۇ بۇ ناھىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلامى سىمۋول ئىكەنتۇق.
نۆۋەتتە ئۇنىڭ دەل رامىزاننىڭ 1-كۈنى چېقىپ تاشلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا. «زىمىستان» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇياڭ ناھىيەلىك ئىسلام جەمئىيىتى رامىزان ھارپىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئۆلكىلىك دىنىي تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ بارلىق مەسچىتلەر چوقۇم «خىتايچىلاشتۇرۇلۇشقا» ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۇياڭدىكى مەزكۇر مەسچىتنىڭ قۇببە ۋە ئاي يۇلتۇز بەلگىسىنىڭ چېقىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ قۇلۇش شەكلىنىڭ «خىتاي ئۇسلۇبى» ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، بۇ مەملىكەت خاراكتېرلىك ھەرىكەت. بۇنىڭغا ئوخشاش سىمۋوللۇق بەلگىلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئېلىپ تاشلىنىشى كېرەك چېقىپ. . . . . . . . . ئەگەر بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىنسا مەسچىت پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلىنىدۇ» دېگەن.
خىتاينىڭ مەسچىتلەرنى چېقىشى ياكى ئۇنىڭدىكى قۇببە ۋە ئىسلام بەلگىلەرنى ئېلىپ تالىشى ئۇيغۇر رايونىدىن باشلانغان. چەتئەلدىكى «ئۇيغۇرىزىم» ناملىق تورنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسچىتلەرنىڭ 80 % قۇببە ۋە مۇنارىلىرىنى چېقىپ بولغان. ئاز دېگەندە 5000 مەسچىت پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلگەن.