مائارىپتىكى قىرغىنچىلىققا ئاھالىلەر كومىتېتىمۇ ھەسسە قوشماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.12.19

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 18-دېكابىردىكى سۈرەتلىك خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاشبۇلاق (خېيجياسەن) رايونىدىكى مەھەللە كومىتېت ئەزالىرى شۇ رايون تەۋەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «ھۆسنخەت يېزىش ئۇسۇلى» دىن ئۆرنەك كۆرسەتكەن. خەۋەردە بۇ ھال «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىگە ئايلاندۇرۇش تىرىشچانلىقى» دەپ ماختالغان. سۈرەتتىكى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇلارغا خىتاي مۇئەللىم جۇڭخۇا مىللىتى ئەنئەنىسىنى سىڭدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تاشبۇلاق رايونى ئاساسەن يىللاردىن بۇيان ئىش-ئوقەت ئىزدەپ ئۈرۈمچىگە چىققان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى مەركەزلىك توپلاشقان رايون بولۇپ، سۈرەتلىك خەۋەردىكى ھادىسە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ تەرىپلىگەن «ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا خىتايچە ئىدېئولوگىيە شەكىللەندۈرۈش» ئۇرۇنۇشىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن. سىنىپ تاملىرىدىكى «ئوقۇسىڭىز تۈمەن جىلدلىق دەستۇرنى، تۈمەن چاقىرىم سەپىرىڭىز ئوڭ كېلەر» دېگەن مەسنەۋى قارىماققا كىتاب ئوقۇشنىڭ خاسىيىتىنى تەكىتلەۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىرىدىكى خىتايچە مائارىپنىڭ كىلاسسىك دەستۇرلىرى بۇ جايدىكى «كىتاب ئوقۇش» نىڭ خىتايچە ئەنئەنىۋى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيانقى مىڭ يىلدىن ئوشۇق ۋاقىتتا ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە ئۇيغۇر مائارىپى ئۆزىگە خاس رەۋىشتە گۈللەپ ياشنىغان ھەمدە كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر يادىكارلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. ھالبۇكى ئۆتكەن 20 يىلدا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىققان «قوش تىل مائارىپى» نامىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، شۇ قاتاردا ئۇيغۇر خەتتاتلىقى پۈتۈنلەي كۆزدىن پۈتكەنىدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر مائارىپىمۇ پۈتۈنلەي ھالاك بولغان. بىرنەچچە كۈن بۇرۇن ئېچىلغان «شىنجاڭ مائارىپ يىغىنى» دىمۇ بىرەر-يېرىم تال ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئىشلىتىلمىگەنلىكى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ روشەن ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.