«خىتايپەرەس» دەپ تەنقىدلەنگەن ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېين گاللېي ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.08.31

ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى، «خىتاي تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى جېين گاللېي يېقىندا ئۆز ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. «ئاۋسترالىيە پۇل-مۇئامىلە تەكشۈرۈشى» گېزىتىنىڭ 30-ئاۋغۇستتىكى سانىدا ئېيتىلىشىچە، پروفېسسور جېين گاللېي نۆۋەتتە «دەم ئېلىش» نامىدا مەكتەپتىن ئايرىلغان، ئەمما ئۇنىڭ «خىتاي تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى باشقىلار ئۆتكۈزۈۋالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2021-يىلىنىڭ بېشىدا پروفېسسور جېين گاللېي ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ھەققىدە سۆز قىلىپ: «ئىمزاسىز بىر پارچە ‹ئىلمىي ماقالە› گە ئاساسلانغاندا، ‹بىر مىليون ئۇيغۇر لاگېرغا قامالغان› دېگەن ئۇچۇرنىڭ كۆپتۈرمە ئىكەنلىكى» نى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا «بۇ ئىمزاسىز ماقالە غەرب دۇنياسىدىكى ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆپلىگەن مەلۇماتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ» دېگەن. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنلا ئۇ يامغۇردەك تەنقىد ۋە ئ‍ەيىبلەشلەرگە كۆمۈلۈپ كەتكەن، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ «خىتايپەرەس ساختا ئالىم» دېگەندەك ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پروفېسسور جېين گاللېي «ئىمزاسىز ماقالە» نى ئۆزىگە بەرگەن كىشىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ خىتايدىكى سابىق باش ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ئەمما ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىشنى رەت قىلغان. ئۇ كېيىنچە بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «مەن بۇ ‹ئىمزاسىز ماقالە› نى گېرمانىيەلىك ئادريان زېنزنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەسەرلىرىگە ‹جەڭ ئېلان قىلىپ باقسا ئىكەن› دەپ ئويلىغان. ئەمما ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ‹رەت قىلسىكەن› دەپ ئويلىمىغان،» دېگەن.

نۆۋەتتە ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكى ئۇنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى «پۈتۈنلەي شەخسىي تاللاش» دەپ شەرھىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۇنياۋىي تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ قالغانلىقى بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.