گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل «خوڭكوڭ پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىشى» نى تەلەپ قىلدى

خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل 6‏-سېنتەبىر كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، لى كېچياڭ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن بىلەن باشقۇرۇش ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىنى سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينى «خوڭكوڭ پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش» قا ئۈندىگەن. ئۇ، نۆۋەتتىكى توقۇنۇشنىڭ زورلۇق كۈچ ئارقىلىق ئەمەس، دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكى، شۇنداقلا خىتاي-گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ پات ئارىدا قايتا ئۆتكۈزۈلۈشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيە ئانگېلا مېركېلنىڭ زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ياراتقان، شۇنداقلا خوڭكوڭدا نامايىش پارتلاپ، شىددەتلىك توقۇنۇشقا ئايلانغان نازۇك بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭ زىيارىتى ھارپىسىدا گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ زىيارىتىدە لاگېرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، لاگېرلارنى دەرھال تاقاش، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە خىتاي رەھبەرلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى سودا مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ، ئۇنىڭ لاگېرلار مەسىلىسى، تىبەت ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا كاشىلا يارىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

مېركېلنىڭ جۈمە كۈنى «خەلق سارىيى» دا لى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشكەندە لاگېرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان-قويمىغانلىقى تېخى بىزگە مەلۇم ئەمەس. لېكىن، ئىلى كېچياڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، خوڭكوڭ مەسىلىسىنى ئاشكارا تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» ۋە 1984‏-يىلى ئىمزالانغان «خىتاي-ئەنگىلىيە قوشما ئاخباراتى» غا ئاساسەن خوڭكوڭ پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك ئىكەن. يىغىندا ئىلى كېچياڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» نى قوغدايدىغانلىقى، ئەمما خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ توپىلاڭنى باستۇرۇپ، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئانگېلا مېركېلنىڭ 12‏-قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشىدۇر.