ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خوڭكوڭدىكى «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قانۇن لايىھەسى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋرېن ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىرلىكتە خوڭكوڭنىڭ مەمۇرىي باشلىقى كەررىي لەمگە خەت يېزىپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قانۇن لايىھەسى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

«قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى» 6-ئاينىڭ 20-كۈنى خوڭكوڭ پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلەرنى خىتايغا ئەۋەتىپ سوت قىلىش» غا مۇناسىۋەتلىك بىر ماددا بار ئىكەن. ماركو رۇبىيو ۋە جېيمىس مەكگوۋرېن خېتىدە «مەزكۇر لايىھە ئامېرىكا ۋە خوڭكوڭنىڭ مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن ھەمدە خوڭكوڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە بۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلىپىنى قويغان.

9-ئىيۇن كۈنى خوڭكوڭدىكى مىليوندىن ئارتۇق كىشى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرىقى نىزامىغا قارشى بىر مەيدان نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى. گەرچە دېموكراتىك ئەللەر بۇ نامايىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن شۇنداقلا مەزكۇر نىزامنىڭ خوڭكوڭدا تولۇق ئەمەلگە ئېشىشىدا چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلغان ئىدى.