خوڭكوڭ نامايىشىنىڭ نەتىجىسىدە «تۇتقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.09.04

خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كەررىي لام 3-سېنتەبىر كۈنى خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي تالاش-تارتىش پەيدا قىلىۋاتقان «تۇتقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى» ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە «خەلقنىڭ رايىنى نەزەرگە ئالغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ قارارنى چىقاردۇق» دېگەن.

چنن نىڭ 4-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كەررىي لام بۇ قارارنى «خوڭكوڭدىكى نامايىشتا كۆڭلى ئازار يېگەن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى بىردىنلا ئېرىتىپ كېتەلمىسىمۇ، خەلق ئاممىسىنى زورلۇقنى ئەمەس، بەلكى سۆھبەتنى تاللاشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما نامايىشچىلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن كلاۋدىيا ماۋ بۇ قارار ھەققىدە سۆز قىلىپ «بۇ بەكلا يېتەرسىز، شۇنداقلا تولىمۇ كېچىككەن قاراردۇر» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى بىكار قىلىش تەلىپى خوڭكوڭدىكى نامايىشچى ئامما ئوتتۇرىغا قويغان بەش تۈرلۈك تەلەپنىڭ بىرى ئىكەن. نۆۋەتتە قالغان تۆت تۈرلۈك تەلەپ تېخى جاۋابسىز ھالدا تۇرماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 4-سېنتەبىر كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ «خىتاينىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى خوڭكوڭدا ئاشكارا بولدى» دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى» دەپ ئاتاشقا بولمايدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ يالغۇز خوڭكوڭ خەلقى بىلەنلا كەتمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە بۇ خەلقئارالىق شەھەردە ياشاۋاتقان 85 مىڭ ئامېرىكا پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە يۈز مىڭ چەتئەللىك ئىنسانلارغىمۇ چېتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا بۇ ۋەقەلەرنى خىتاينىڭ دۇنيا كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا پۈتۈن دۇنيانى ئالدىماقچى بولغانلىقىنىڭ شۇنداقلا 1984-يىلىلا ۋەدە قىلىنغان خوڭكوڭغا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» شەكلىدە يۈكسەك ئاپتونومىيە بېرىش ۋەدىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ماركو رۇبىيو ماقالىسىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نى باستۇرۇشتا قوللىنىلغان خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنى خوڭكوڭنىڭ «ئارقا ھويلىسى» بولغان شېنجېن شەھىرىگە توپلىشى، شۇنداقلا تىنچلىق نامايىشىدا «تېررورلۇق ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى» نى پەش قىلىشىنى ئەيىبلەپ «خىتاي رەھبەرلىرى خوڭكوڭدىكى ئاپتونومىيە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا ھۆرمەت قىلىشى لازىم. بولمىسا بۇنىڭ قانداق مالىمانچىلىققا ئاپىرىدىغانلىقىنى ئۇلار ئاللىقاچان يېتەرلىك دەرىجىدە كۆردى. ئەمدىكى تاللاش ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قالدى» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.