1-ئىيۇل، يەنى خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن خاتىرە كۈنى مىڭلىغان خوڭكوڭلۇق نامايىش قىلىپ، خوڭكوڭغا تولۇق دېموكراتىيە تەلەپ قىلدى ۋە خوڭكوڭ ۋالىيسىنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى.
بەزى نامايىشچىلار خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىپ «خوڭكوڭ بىر دۆلەت» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان پلاكاتلارنى كۆتۈرۈشكەن بولسا، بەزلىرى خوڭكوڭنىڭ برىتانيە دەۋرگە تەۋە بايرىقىنى لەپىلدىتىشنى.
نامايىشچىلارنىڭ يەنە كۆپىنچىسى «خوڭكوڭ كۈنلۈك ھەرىكىتى» نىڭ سىمۋولى بولغان سېرىق كۈنلۈكلەرنى كۆتۈرۈشكەن ئىدى.
نامايىشچىلار بۇلتۇر كۈزدە بىر نەچچە ئاۋۋال داۋام قىلىپ ئاياغلاشقان كۈنۈك ھەرىكىتىنىڭ تېخى تۈگىمىگەنلىكى، ھەرىكەت كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتمىگەچكە يەنە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نامايىشچىلار رەھبىرى جوشۋا ۋوڭ: «لىياڭ جېنيىڭ تەختنى بوشات»، «شەھىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنى قولىمىزغا ئېلىپ، دېموكراتىك خوڭكوڭ قۇرۇپ چىقايلى» دەپ ۋارقىرىدى.
بۇ قېتىملىق نامايىش خىتاي ۋە خوڭكوڭ رەھبەرلىرى خوڭكوڭنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى خاتىرىلەپ بايراق چىقىرىۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى.
بۈيۈك برىتانيە 1997-يىلى 1-ئىيۇل خوڭكوڭنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. خىتاي ئەينى چاغدا ئاتالمىش «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۇزۇم بولۇش» سىياسىتىنى تونۇشتۇرۇپ، خوڭكوڭنىڭ ئەسلدىكى دېموكراتىك تۈزۈمنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ھالبۇكى شۇنىڭدىن كېيىن خوڭكوڭ دېموكراتىيەسى بارا-بارا كەينىگە چېكىنىپ، خوڭكوڭلۇقلارنى ئەندىشىگە سالغان.
ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ نەچچە ئونمىڭ خوڭكوڭلۇق نامايىشچى كوچىلارنى ئىگىلەپ 25-نويابىرغىچە نامايىش قىلغان، ئەمما نامايىش نەتىجىدە قازىنالمىغان ئىدى.