خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىۋېرسىتېت دائىرىلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى چەكلىمىسىنى تەنقىد قىلدى

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىۋېرسىتېت دائىرىلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

دۈشەنبە كۈنى، ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىگە نامەلۇم بىرلىرى تەرىپىدىن «خوڭكوڭ مۇستەقىللىقى» دېگەن خەت يېزىلغان بىر پارچە يوغان تەشۋىقات قەغىزى ئېسىپ قويۇلغان ئەمما بۇ قەغەز ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىۋېرسىتېت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىۋېتىلگەن.

ئارقىدىن سەيشەنبە كۈنى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچى ئىشلىرى ئىشخانىسى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ فېيىسبۇكتىكى سەھىپىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇستەقىلچى كۆز قاراشلارنىڭ خوڭكوڭ قانۇنلىرىغا خىلاپلىقىنى ۋە يۇقىرىدىكىدەك «ئۇيغۇن بولمىغان» نەرسىلەرنىڭ دەرھال ئېلىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋەقە، خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا خوڭكوڭدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.

ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بۇنىڭغا قارشى ئېلان قىلغان باياناتىدا خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇنىدا پىكىر ئەركىنلىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، مەكتەپنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار باياناتىدا يەنە، خوڭكوڭ خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەكتەپ ئىچىدە پىكىر ئەركىنلىكىنى ۋە ئاپتونومىيەنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خوڭكوڭدىكى مائارىپ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭ خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان.

ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پەيشەنبە كۈنى كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان بىر ئوقۇغۇچى خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى بىر تەشۋىقات ۋارىقىنى ئېسىپ، خوڭكوڭ دېگەن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، دەپ ۋارقىرىغان.

خوڭكوڭدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى 2014-باشلىغان «كۈنلۈك ھەرىكىتى» مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، نۆۋەتتە خوڭكوڭدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تىركىشىش مەركىزى بولۇپ قالغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.