ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلا مىنىستىرى كرىستوفېر ئەشلېي: «خۇئاۋېي قاتارلىق شىركەتلەر نوقۇل تېخنولوگىيە مەسىلىسى ئەمەس»
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تېخنولوگىيەسىدىكى بۇ «مىللىي چېمپىيونلار» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدەك جايلاردا خىتاينىڭ ساقچى دۆلىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشىغا تېخنولوگىيەلىك قۇلايلىق يارىتىپ بەرمەكتىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ تېخنولوگىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار، ئېتنىك قازاقلار، قىرغىزلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشىدا ھالقىلىق رولى بولۇپ، بۇ 2017-يىلدىن بېرى ئاز دېگەندە بىر مىليون كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ شىركەتلەر خىتاينىڭ پارتىيە-دۆلىتىگە ياردەملىشىپ، بۇ ۋاسىلارنى راۋاجلاندۇردى. ئۇلار كوممۇنىستىك پارتىيە دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ ۋاسىلارنى ئۆزىنىڭ خەلقىگە سىناق قىلدى. شۇنداقلا چەتئەل بىلەن بولغان كېلىشىملەر ئارقىلىق بېيجىڭ مەزكۇر ئىستىبدات مودېلىنى دۇنيا مىقياسىدا تارقىتىپ كەلدى. ئېكسپورت قىلىپ كەلدى.»
كرىستوفېر ئەشلېي بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسەت قانۇن لايىھىسى» نى بىردەك ماقۇللىغان كۈنى قىلغان. قانۇن لايىھىسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تېخنىكا ئېكسپورت قىلىش، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەزكۇر رايون بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا بەزى چەكلىمىلەرنى قويۇش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.