ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىگە قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چەكلىمە قويدى

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىگە قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چەكلىمە قويۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا تېخنىكىسى بىلەن باشقا دۆلەتلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان ئۆزەكلەرگە ئېرىشىشىنى مەنئى قىلدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى سانائەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ 17-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتىدا تەكىتلىشىچە، ئۇلار يەنە خۇاۋېي شىركىتىگە چېتىشلىق 38 شىركەتنى «قارا تىزىملىك» كە ئالغان. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا تېخنىكىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۆزەكنى خۇاۋېيغا سېتىشى ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ئالاھىدە رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى خۇاۋېينى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئامېرىكا تېخنىكىسى سېتىشىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئۆزەك بىلەن تەمىنلەشنى قەرەللىك ئۇزارتىپ كەلگەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا تەكىتلىشىچە، بۇ قېتىم ئۇلار قەرەللىك ئۇزارتىشنى توختاتقان. كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ خۇاۋېي ئۈچۈن ئېغىر زەربە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاينىڭ مەزكۇر تېخنولوگىيە شىركىتى ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىپلا قالماي، خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مۇسۇلمانلارنى تەقىپلىشىگە تېخنىكىلىق ياردەم بېرىش بىلەنمۇ ئەيىبلىنىپ كەلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 17-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، پۇقرالىرىنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكى ۋە 5گ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش» ئۈچۈن تەدبىر ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پۇقرالىرىمىزنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرى، كېيىنكى ئەۋلاد دۇنيا تورىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويمايمىز،» دېگەن.