ياپونىيەنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تاكېشى ئىۋايا: «بىز خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»
2024.10.02
ياپونىيەنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تاكېشى ئىۋايا 2-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزگەن تۇنجى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ياپونىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تاكېشى ئىۋايا ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ نۆۋەتتە كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغاندا، «بىز خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆز مەيلىچە ۋە بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۆزگەرتىشكە دائىر ھەرىكەتلەر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. شۇڭا بىز بۇنداق ئۇرۇنۇشلارنى قەتئىي توسىدىغان سىستېما بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.»
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ياپونىيە بىلەن دەتالاشتىكى سەنكاكۇ ئارىلىنى چۆرىدىگەن رايونلاردا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشى، ياپونىيەنىڭمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىدەك سەۋەبلەر بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت جىددىيلىشىشكە قاراپ ماڭغان ئىدى.
يېڭى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى سۆزىدە، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە خىرىسلار بارلىقىنى، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ مەسىلىلەرنى يېشىدىغان پۇرسەتلەرمۇ بارلىقىنى، دېگەن. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن «ئوچۇق-ئاشكارا ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىش» ئۈچۈن «بالدۇرراق» كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە پارلامېنتى سايلامدا ئۇتۇپ چىققان ياپونىيە يېڭى باش ۋەزىرى شىگېرۇ ئىشىبانىڭ ۋەزىپىسىنى تەستىقلىغان. باش ۋەزىر ئىشىبا تاكېشى ئىۋايانى ئۆزىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىگەن ئىكەن.