ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي مەسىلىسىدە ئامېرىكانىڭ قاتتىق قول يولغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «ۋال ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئالىكسېي ناۋالنىنى قاماققا ئېلىشىغا قارشى رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشىغا قارشى قانداق تەدبىر ئېلىشنى مۇنازىرە قىلىشنى پىلانلاپ، ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي مەسىلىسىدە ئامېرىكادەك قاتتىق قول يولغا ماڭىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن 22-فېۋرال ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن توردا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. يىغىندا بلىنكېن ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىپ، كۆپ قۇتۇپلۇق، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق دۇچ كەلگەن يەرشارى خاراكتېرلىك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. يىغىندا تەرەپلەر كورونا ۋىرۇسى، ئىران، خىتاي، يەرشارى ھاۋا كىلىماتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانىدى.
«ۋال ستېرېت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى مۇستەقىللىقىنى تەكىتلىسىمۇ، بىراق پرېزىدېنت بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ھالقىلىق مەسىلىلەردە ئامېرىكا بىلەن بىر مەيداندا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكتىكەن. خەۋەردە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خوڭكوڭ توغرىسىدىكى بىر مەخپىي ھۆججىتى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭدا خىتايغا بېسىم قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىشىش تەلەپ قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.