خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تەۋەسىدە زېمىن دەۋاسى قىلىشى ھەمدە رايون بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 25-ئاپرېلدىكى باياناتىدا ئالاھىدە ئورۇن ئالدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنى خىتاي تېرىتورىيەسى دەۋېلىشىدىن ئېغىر تەھدىتتە قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي بېلىقچىلىق كېمىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «نەنشا تاقىم ئاراللىرى» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان دائىرىدىكى قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ «جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى بۇ خىل قىلمىشلار روشەنكى مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ،» دېگەن.
ئەمما خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرلىكى بۇ پىكىرگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «نەنشا تاقىم ئاراللىرى بىزنىڭ زېمىنىمىز. ئۇ جايدا بېلىق تۇتۇش بىز ئۈچۈن قانۇنلۇق،» دېگەن. ئەمما خەلقئارا قائىدىلەر بويىچە دېڭىز بىلەن چېگرالىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ دېڭىزدىكى زېمىن تەۋەلىكى 22 كىلومېتىر (تەخمىنەن 14 مىل) بولۇپ، خىتاي دەۋا قىلىۋاتقان تېرىتورىيە بۇنىڭدىن غايەت زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى يۇقۇر پەللىگە چىقىۋاتقان بولۇپ، ئانالىزچىلار بۇنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا بىلەن «ھەمكارلاشقان ئاساستا» خىتاي مەسىلىلىرىنى بىر ياقلىق قىلىشىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارىماقتا ئىكەن. يەنە كېلىپ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن ئەپەندى ئۆتكەن ھەپتە «بىز فىلىپپىن تەرەپتە» دەپ ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرگەن ئىكەن.