ياۋروپا ئىتتىپاقى جۈمە كۈنى خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن تاموژنا بېجى ئېلىشنى قارار قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.10.04

ياۋروپا ئىتتىپاقى 4-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان توكلۇق ئاپتوموبىللاردىن تاموژنا بېجى ئېلىشنى قارار قىلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى  بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «بۈگۈن، ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان توكلۇق ئاپتوموبىللاردىن ئېنىق تولۇقلىما تاموژنا بېجى ئېلىش تەكلىپ لايىھەسى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يېتەرلىك قوللىشىغا ئېرىشىپ ماقۇللۇقتىن ئۆتتى» دېيىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى بويىچە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىپ ياۋروپاغا ئىمپورت قىلىنغان توكلۇق ئاپتوموبىللاردىن 45 پىرسەنتكىچە باج ئېلىنىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن تاموژنا بېجى ئېلىش قارارىنىڭ ياۋروپا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ ئادالەتسىز سودا پائالىيەتلىرىدىن قوغداشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەرزان باھالىق خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا باج قويۇشتا ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىل بازىرىنى قوغداشنى چىقىش قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىل سانائىتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ رۇدا ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەركەزلەشكەن ساھەلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىپ كەلگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ ئامېرىكىغا ئوخشاش بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارى، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مىلياردلىغان دوللارلىق سودىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ھالبۇكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارى خىتاي ئىقتىسادى كاساتلىشىپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرى كىرىزىسقا پاتقان، ئىشسىزلىق ئارتىپ، مۇقىمسىزلىق كۈچەيگەن، ئەمما خىتاي ئىقتىسادتا يەنىلا ئېكسپورتقا تايىنىۋاتقان بىر پەيتتە ماقۇللانغان. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاموژنا بېجى ئامېرىكانىڭ خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا قويغان بېجىدىن كۆپ تۆۋەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتايغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىمەكتە ئىكەن. خەۋەردە، گېرمانىيە مارشال فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچى نوۋا باركىننىڭ بۇ قارار «ياۋروپادا خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئارقىغا ئىتتىرىشتە ئورتاق تونۇش بارلىقىدىن سىگنال بېرىدۇ» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قارار 31-ئۆكتەبىردىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.