ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى خىتايغا سودىدا ئەمدى «ساددىلىق» قىلمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ «خاراكتېرى» نى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.10.11

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى چارلىس مىشېل، 11-ئۆكتەبىر فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدا ئەمدى «ساددىلىق» قىلمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ «خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش» ئارقىلىق، ياۋروپا بىلەن ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان تاموژنا بېجى ئىختىلاپىنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، چارلىس مىشېل 11-ئۆكتەبىر خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ بىلەن لائوس پايتەختى ۋيېنتياندا كۆرۈشكەندىن كېيىن، فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. شەرقى-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان چارلىس مىشېل بىلەن لى چياڭ، يىغىن ئەسناسىدا كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ ئۇچرىشىش ئىككى تەرەپنىڭ تاموژنا بېجى ئۇرۇشى كەسكىنلەشكەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ھەپتە خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا 35 پىرسەنت باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، خىتاي بولسا ياۋروپا كونياكلىرىغا باج قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

«فىرانسىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، چارلىس مىشېل ئۆزىنىڭ لى چياڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ياكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ «ئىنتايىن مۈشكۈل» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. چارلىس مىشېل مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ ئۆز خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشىنى، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ مۇۋاپىق، تېخىمۇ ئادىل رىقابەت ۋە تەڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا قايتا تەڭشىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشىنى كۈتىمىز».

«فىرانسىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، چارلىس مىشېل ئىككى تەرەپنىڭ سودىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش چارىسى تېپىشىغا قىسمەن ئۈمىد باغلايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمدى (خىتاينىڭ) ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا ھۆكۈمەت قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىش مەسىلىسىدە «ساددىلىق» قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ كۈچلۈك ھەم قانۇنلۇق مەنپەئەتىمىز بار. خەلقىمىزنى، ۋەتەنداشلىرىمىزنى قوغداش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر». مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ كۈنتاختا ۋە شامال چاقپەلىكى مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە ياردەم بېرىشى ئۈستىدىنمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.