ئىتالىيەدىكى بىر تور ژۇرنىلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارىماي شەھىرىدە 10 مىڭ كىشىلىك يەر ئاستى تۈرمە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
«زىمىستان» ناملىق مەزكۇر دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق تور ژۇرنىلىنىڭ يەرلىك ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر تۈرمە قاراماي شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ئايكۆل سۇ ئامبىرىدا سېلىنماقتىكەن
خەۋەردە، يەر ئاستى تۈرمىنىڭ يەر يۈزىدىن 5 مېتىر چىقىپ تۇرىدىغانلىقى، يەر ئاستى چوڭقۇرلۇقى 40 مېتىر كېلىدىغانلىقى، قۇرۇلۇشنىڭ 10 مىڭ كىشى پاتىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋەرلىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
«زىمىستان» ژۇرنىلى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، خىتاينىڭ دوختۇرخانا، زاۋۇت، مەكتەپلەرنى مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىۋاتقانلىقى، بەزى لاگېرلاردا ئادەمنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلى تۇتقۇنلارنىڭ كارىۋىتىنى تەڭ ئىشلىتىشكە، نۆۋەتلىشىپ ئۇخلاشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
يېقىندا بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى رايوندىكى لاگېر ۋە تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە 3 مىليوندەك كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى يېقىندا خىتايدىن بۇنچىلىك ئۇيغۇرنى نېمىگە ئاساسەن تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
«زىمىستان» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە، قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ رەسىمى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ كىرىش ئىشىكىگە «قاراماي شەھەرلىك قاماقخانىسىنى يۆتكەش قۇرۇلۇشى پىلانى» دەپ يېزىلغان. رەسىمدە تۈرمە قورۇسىغا بىر قانچە بىنا، ئىككى كۆزىتىش مۇنارى سېلىنغانلىقى، تۈرمىنىڭ ئۈستىدىكى بوش يەرگە دەرەخ تىكىۋەتكەنلىكى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، قۇرۇلۇش بۇ يىل 10-ئايدا پۈتىدىكەن.