ئامېرىكا سوتىنىڭ «يىدا» مەھسۇلاتلىرىنى رەت قىلىش بۇيرۇقى ئېغىر زەربە بولغان

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار غەرب شىركەتلىرى، جۈملىدىن «نايكى» قاتارلىق بىر قاتار داڭلىق شىركەتلەرنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەيدىغان «يىدا» (Esquel) گۇرۇھى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ «قارا تىزىملىكى» گە ئېلىنغانىدى. يېقىندا بۇ شىركەتنىڭ ئۆزلىرىنى بۇ تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىش ھەققىدىكى ئەرزى ۋاشىنگتون فېدېرال سوتىدا رەت قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن خوڭكوڭنى بازا قىلغان بۇ شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى ئېغىر تەۋرىنىشكە دۇچ كەلگەن.

«مەنبەلەر ژۇرنىلى» نىڭ 11-ئۆكتەبىردىكى مەخسۇس خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، باش سوتچى رېگگى ۋالتون بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «بۇ شىركەت ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز دەۋاگەرنىڭ ئەرزىنى رەت قىلدۇق» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئەرز رەت قىلىنغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئىككى زاۋۇتى تاقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. شۇنداقلا بۇ زاۋۇتلاردىكى يەتتە مىڭغا يېقىن ئىشچىنىڭ خىزمىتى بىۋاسىتە ھالدا بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. زاۋۇتنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىزنىڭ ھېچقانداق ئىشلەپچىقىرىش ھالقىمىز مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق ئەمەس. بىز قايتا ئەرز سۇنىمىز» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنىسى «قارا تىزىملىك» كە ئىسمى چۈشكەن شىركەتلەرنىڭ ھېچقانداق توۋارلىرىنى چېگرادىن كىرگۈزمەيدىغان بولۇپ، شۇ قاتاردا «يىدا» گۇرۇھىنىڭ ۋېيتنامدىن ئەۋەتكەن بىر يۈرۈش ماللىرىمۇ تۇتۇپ قېلىنغانىكەن.