جاڭ چۈنشەن «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» قوشۇنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى


24 - فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2015 - يىللىق كادىرلارنى تۆۋەندىكى يېزا - قىشلاقلارغا ئەۋەتىپ تەشۋىقات - تەرغىبات قىلىش خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلاش ۋە مۇكاپاتلاش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشەن 2015 - يىللىق «ئۈچ ئەل» پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە 2016 - يىلى ئېلىپ بارىدىغان مەزكۇر پائالىيەتنىڭ بىر قاتار مۇھىم نىشانلىرىنى تەكىتلىگەندە «ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ۋە مۇقىملىقنى زور كۈچ بىلەن قوغداش»نى تەكىتلىگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جاڭ چۈنشەن سۆزىدە دىنى ئىشلار جەھەتتىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەكىتلەپ، «دىنىي ئىشلارنى ياخشى باشقۇرۇپ، دىن بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىغا ئاكتىپ يېتەكچىلىك قىلىش» نى كۆرسەتكەن.

ئۇ يەنە 2016 - يىللىق خىزمەتلەرنىڭ نىشانى سۈپىتىدە «بەشتە ياخشى دىنىي زات» پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى، «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش»نى تەكىتلىگەن.

مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن جاڭ چۈنشەن «مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىشتەك يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى ئىزچىل ساقلاش» دەپ كۆرسەتكەن .

2014 - يىلى باشلانغان كادىرلارنى يېزا - قىشلاقلارغا ئەۋەتىپ، تەشۋىقات - تەرغىبات قىلىش ھەرىكىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئۈچ ئەل»پائالىيىتى، يەنى «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» دەپ نام بېرىلگەن.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، 2015 - يىلى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى، ۋە خىتاي ئارمىيەسىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى 10 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، خىزمەتكە ئەۋەتكەن.