جوۋ يوڭكاڭغا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مىلياردېر ليۇ خەن ئۆلۈمگە بۇيرۇلدى


خىتاي دائىرىلىرى سابىق ج خ مىنىستىرى جوۋ يوڭكاڭغا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتايدىكى مىلياردېر ليۇ خەننى ئۆلۈمگە بۇيرۇدى.

خۇبېيدىكى بىر سوت ليۇ خەن ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ليۇ ۋېينى «قارار قول جەمئىيىتى قۇرۇپ، جىنايەت گۇرۇھى تەشكىللەش ۋە قاتىللىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 36 نەپەر ئادەم ئۇلار بىلەن بىرلىكتە سوتقا تارتىلغان ۋە ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن.

جوۋ يۇڭكاڭ خىتاي ج خ مىنىستىرى، سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ۋە خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2013 - يىلدىن باشلاپ ئۇنىڭ چېرىكلىك قىلمىشى ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

ليۇ خەن خىتايدىكى ئەڭ چوڭ بايلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ 2012 - يىلى ئامېرىكا «فوربېس» ژۇرنىلىدا خىتايدىكى 148 - چوڭ باي دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ليۇ خەن سىچۈەندە قارا قول پارتىيىسى شەكىلدىكى بىر جىنايەت گۇرۇھى تەشكىللەپ، سىچۈەن خەنلوڭ كانچىلىق شىركىتىنى باشقۇرغان ۋە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ بايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ليۇنىڭ ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇشى جوۋ يۇڭكاڭ تورى ۋە ئۇنىڭغا چېتىلغان چېرىكلىك دېلولىرىغا بېرىلىۋاتقان زەربە دائىرىسىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.