ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق دىنىي ئەركىنلىك تور بېكىتى 18-ماي كۈنى خەۋەر بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكى، ئۇلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەندۇڭدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇلارنىڭ مەكتىپىدىكى بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ رامزان ئېيىدا چوقۇم تاماق يېيىشى كېرەكلىكى، ئۇلارنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە چوقۇم چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇر ئىكەنلىكى، روزا تۇتۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەپ، ھەر يىلى رامزاندا ئۇيغۇرلارنى ئەتىگەنلىك ناشتىلىققا ياكى چۈشلۈك تاماققا ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن. تاماق يېيىشنى رەت قىلغانلارنى «ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى» بار، دېگەن سەۋەب بىلەن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ياكى قاماققا ھۆكۈم قىلغان. يېقىندا رادىيومىز بۇ يىللىق رامزان ئېيىدا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوشنا-قۇلۇملىرىنىڭ روزا تۇتقان-تۇتمىغانلىقىنى نازارەت قىلىشقا سالغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.
«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە شەندۇڭدىكى ئۇيغۇرلار ئوقۇۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان.
لېكىن، خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەندۇڭدىكى يۇقىرىقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقى بايقىلىپ قالسا، جازالىنىدىغانلىقى ياكى شىنجاڭغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئوقۇتقۇچى بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، «بۇنداق قىلىشتىكى مۇددىئا ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇش، مانا بۇ مائارىپ تەربىيەسىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى» دېگەن.