پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ھەم ئۇنىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئارىيىلەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013.10.13
Uyghurlarning-pelsepiwi-pikirliri-pelsepe-abdurehim-tursun.jpg ئابدۇرەھىم تۇرسۇننىڭ 2002-يىلى، قىرغىزىستان «ئىلىم» نەشرىياتى نەشر قىلغان رۇس تىلىدىكى كىتابى «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى».
RFA

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخىدىكى مۇھىم دەۋىرلەرنىڭ بىرى - ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى، يەنى بۇددىزم دەۋرىدىكى تىلىنى، تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، ئېغىز ۋە يازما يادىكارلىقلىرىنى، پەلسەپىۋى كۆزقاراشلىرىنى چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىدە تەتقىق قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، بۇ ئاتالغان ساھەلەر دايىم بىر - بىرى بىلەن زىچ باغلانغان ھالدا تەرەققىي ئەتكەن. جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىدا ھازىرغىچە تېخى مۇكەممەل تەتقىق قىلىنمىغان تېمىلارنىڭ بىرى دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى تارىخىنى باشقىمۇ ساھەلەر بىلەن بىر قاتاردا سىستېمىلىق ھەم ئىلمىي يۆنىلىشتە تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى مەلۇمدۇر. بۇ جەھەتتە پەلسەپە دوكتورى مەرھۇم ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئۆزىنىڭ 2002 - يىلى ئالاھىدە كىتاب بولۇپ نەشر قىلىنغان «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي ئەمگىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزم دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئەخلاق، ئېستېتىك، تەبىئەت قارىشى قاتارلىق دۇنيا قاراشلىرىنى ئىلمىي جەھەتتە ئانالىز قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىياتى، دىنىي ئېتىقادلىرى، تىبابىتى ۋە كالېندارچىلىق ئەنئەنىلىرىگە ئائىت ماتېرىياللارنى چوڭقۇر ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان.

تۆۋەندە «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ماۋزۇلۇق كىتابنىڭ ئايرىم پارچىلىرىنىڭ مەزمۇنلىرى بىلەن تونۇشىسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.