«ئەركىنلىككە سەپەر» ناملىق تاتارلار ھەققىدىكى كىتاب نەشىردىن چىقتى

ئابىدە تەييارلىدى
2013.11.24
erkinlikke-seper-kitab-awstraliye-305.png ئايىشە ماسكىي خانىم ۋە زىيا ماسكىي ئەپەندىلەرنىڭ «ئەركىنلىككە سەپەر» ناملىق كىتابى
Photo: RFA


23 - نويابىر ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدىكى «تاتار - باشقۇرت جەمئىيىتى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئايىشە ماسكىي خانىم ۋە زىيا ماسكىي ئەپەندىلەرنىڭ «ئەركىنلىككە سەپەر» ناملىق كىتابىنىڭ ئىنگلىز تىلى ھەم تاتار تىلىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نەشىردىن چىققانلىقىنى ھەم بازارغا سېلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ پائالىيەتكە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە شتاتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى، تاتار - باشقۇرت جەمئىيەت ئەزالىرى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيەت ئەزالىرىدىن ۋەكىللەر قاتناشتى.

پائالىيەتتە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، تاتار - باشقۇرت جەمئىيەت ئەزالىرى ئايىشە خانىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈچۈن تەبرىك سۆزلىرى قىلدى.

بۈگۈنكى بۇ پائالىيەت ئۈچۈن خانىملار شېئىر، ناخشىلارنى تەييارلاپ كەلگەن بولۇپ، تاتار تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن نومۇرلارنى كۆپچىلكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چۈچۈك تىللىرى بىلەن ئايىشە ماسكىي خانىم ئىجادىيەتلىرىدىن بولغان شېئىرلاردىن بىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا ئېرىشتى.

بۇ كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن كىتاب ئاپتورى ئايىشە ماسكىي خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان، «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى سۆيۈنگۈل خانىم پائالىيەتتىن كىيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.