1947-1946-يىللىرىدىكى خىتاي جاسۇسلىرى ۋە كاتتىۋاشلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئەخمەتجان قاسىمى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى
2021.04.08

1946-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 1947-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇن قوبۇل قىلىدىغان خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى خىتاي پايتەختى نەنجىڭدىن باشقا يەنە بىرقىسىم شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىپ، 14-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى.
قۇرۇلتاي جەريانىدا خىتايلار ئۇلارنى «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» دېگەن، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنى «شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى» دەپ ئاتىغانىدى.
شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى ئاساسلىقى ئەخمەتجان قاسىمى، ئەيسا ئالىپتېكىن، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، زىيا سەمەدى، ئابدۇلەخەت مەخسۇم، ئەنۋەر سالىجان ( قازاق)، كەرىم ھاجى ( تۇڭگان)، مەخسۇت تېيىپوف، خەمىت سۇلتان، ئەرتوغرۇل سەبىرى، ئامىنە بۇغرا قاتارلىق ۋەكىللەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار ئىچىدە ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتناشقان ۋەكىللەر كۆپ ساننى ئىگىلىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە يەتتە ۋىلايەتكە تەۋە خىتاي، قازاق، قىرغىز، شىبە ۋەكىللىرىمۇ بولۇپ، جەمئىي 18 ئادەم ئىدى. قۇرۇلتايدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىردەك مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى، يەنى كونكرېت ھالدا «شىنجاڭنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىش» لايىھىسىنى خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا سۇندى. بىراق، ئاخىرقى ھېسابتا خادىۋاڭ، جياۋ جيەنفېڭ، مۇ جىڭا، مادامبېك قاتارلىق قازاق، خىتاي، شىبە، قىرغىز ۋەكىللەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ باشتا ئىمزا قويۇپ كېيىن يېنىۋېلىشى، بەزىلىرىنىڭ قارشى چىقىشى ئارقىسىدا جاڭ كەيشى، جاڭ جىجوڭ، باي چوڭشى ( تۇڭگان)، شاۋ لىزى ۋە باشقىلارنىڭ قارشى تۇرۇشى ھەم ئاستىرتىن بۇنى توسۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى بىلەن مەزكۇر لايىھە قۇرۇلتايدا ئومۇمىي مۇزاكىرىگە قويۇلۇشقا يول قويۇلماي رەت قىلىۋېتىلدى. نەنجىڭدىكى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ۋە جاسۇسلىرى بۇ جەرياندا ئەخمەتجان قاسىمى ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستان، يەنى ئۇلارنىڭ ئاتىشى بويىچە «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ بارلىق سۆز-ھەرىكەتلىرى، ئىدىيەسىنى ئىنچىكە رازۋېدكا قىلىپ، ئۇچۇر توپلاپ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە يوللاپ تۇردى.
شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى ئۆزىنىڭ لايىھىلىرى ۋە تەلەپ-پىكىرلىرى ھېچقانداق قوبۇل قىلىنىشقا ۋە ھەتتا ئېتىبار بېرىشقىمۇ ئېرىشەلمىگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، مەزكۇر قۇرۇلتايغا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئاساسەن قاتناشماسلىق چارىسى قوللانغانىدى.
ئەخمەتجان قاسىمى ئاخىرقى قېتىم 24-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ «نەنجىڭ گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دادىللىق بىلەن خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى سۆكتى، شۇنىڭدەك يەنە «شەرقىي تۈركىستان» نامىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقى، مىللەت نۇقتىسىدىن «شىنجاڭدا 14 مىللەت» ئەمەس، بەلكى تۈركىي، خىتاي، موڭغۇل ۋە ئاق ئورۇسلاردىن ئىبارەت ئاساسلىق تۆت مىللەت بارلىقى، يەنى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەت نوپۇسىنىڭ %85 تىن ئاشىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇ تۈركىي مىللىتىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
يېقىندىن بۇيان تەيۋەن ھۆكۈمىتى خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ھەم خىتاينىڭ ئۇلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە باشقا كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە ئائىت بىرقىسىم مەخپىي ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى. ئەنە شۇ تەيۋەن ئارخىپلىرىنىڭ بىرقىسمىنى خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ئەخمەتجان قاسىمىنى باشتىن ئاياق خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن «ئەڭ خەتەرلىك» ۋە ئەڭ «قابىل سىياسىيون» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئىنچىكە كۆزەتكەن ۋە ئۇچۇر توپلىغان؛
خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ نەنجىڭدە ئېلىپ بارغان بارلىق پائالىيەتلىرى، سۆز-ھەرىكەتلىرى ۋە باشقىلارغا ئائىت مەخپىي توپلىغان ماتېرىياللىرى ھەم كۆزىتىشلىرىدە ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ «شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىش»، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش» ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلىگەنىدى.
تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەمىنلىگەن ئارخىپ ئۇچۇرلىرى بويىچە. گومىنداڭ ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ «قۇرۇلتاي ئىستىخباراتى» نىڭ 39-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە: «ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان ناھايىتى ئەلا بىر كادىر، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى شىنجاڭنى خىتايدىن مۇستەقىل قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇۋېتىش. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى سۆز-ھەرىكەتلىرىمۇ ناھايىتى غەلىتە» دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان. مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتتە يەنە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىچكى جەھەتتە: «ۋۇ جوڭشىن شىنجاڭنى باشقۇرغان چاغدا شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ غەلىبىسىگە توسالغۇ بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىزنىڭ ھەقىقىي دۈشمىنىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋۇ جوڭشىن بىلەن سۆز-ھەرىكەتتە بىردەك بولغان ھەر قانداق كىشى شەرقىي تۈركىستان مىللىتىنىڭ دۈشمىنى. بۈگۈن بىز دۈشمەننىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدىكى يەرلەردە تۇرۇۋاتىمىز، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىنتايىن ھالقىلىق مەسىلە ئۈچۈن بۇ يىغىنغا كەلدۇق. شۇڭا ھەربىر ۋەكىلنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ۋە تەشەببۇسى چوقۇم بىردەك بولۇشى كېرەك» دېگەنلىكى خاتىرىگە ئېلىنغان.
بۇلاردىن باشقا يەنە، ئەخمەتجان قاسىمى باش بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھە رەت قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنى ئەخمەتجان ۋە ئۇ باشلىغان شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات يوللاپ: «شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ قۇرۇلتايغا سۇنغان تەكلىپى قايتۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن ئەخمەتجان مۇنداق دېگەن: مەركەز يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىزچىل تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى ساقلاپ كەلدى. بىزنىڭ قۇرۇلتايغا سۇنغان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە مۇستەقىللىق ھەققىدىكى تەلەپلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئەمدى مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ غالىبىيىتى پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنىڭ كۈرەشلىرىگە باغلىق بولۇپ قالدى. ھازىر پەقەت تېزدىن شىنجاڭغا قايتىپ، مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنى كۈچلەندۈرگەندىلا ئىستىقبالىمىزدا ئۈمىد بار» دېگەن سۆزلىرىنى خاتىرىگە ئالغان.
خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنى يەنە ئۆزلىرىنىڭ «ئەخمەتجاننىڭ شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدىكى بىلدۈرۈشى» ناملىق مەخپىي ئىستىخبارات ھۆججىتىدە: «خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭ ۋەكىلى ئەخمەتجان يېقىندا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭ ۋەكىلى خادىۋاڭغا مەخپىي تۈردە: ھازىر شىنجاڭدىكى كۈرەشنىڭ بىرىنچى قەدىمى غەلىبە قىلدى، ئۇنىڭ ئىككىنچى قەدىمى ھازىر باشلىنىپ بولدى. بۇ قەدەمدە ئالدى بىلەن يۈكسەك مۇختارىيەت تەلەپ قىلىمىز ۋە كېيىن يەنە ھەرىكەت قىلىپ، بۇنى رەسمىي مۇستەقىللىققا ئايلاندۇرىمىز، دېگەن» دەپ مەلۇمات يوللىغان.
بۇ جەرياندا جاڭ كەيشى قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرى ئۇنىڭ بىلەن تۇشمۇتۇشتىن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسەتكەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ ناھايىتى قابىل ۋە تالانتلىق سىياسىيون بولۇپلا قالماستىن بەلكى «شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ باشچىسى»، «شىنجاڭدىكى ئىسيانچىلارنىڭ رەھبىرى» ئىدى.
دېمەك، جاڭ كەيشى ۋە باشقا خىتاي ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمىغا كۆرسەتكەن بۇ ھۆرمەتلىرى تامامەن ئالداش، پەپىلەش، يۇمشىتىش تاكتىكىسى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ «ئەخمەتجان شىنجاڭغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوزغىشى ۋە كۈچەيتىشى» دىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنۇش ئىدى.
تەپسىلاتىنى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.