تۈركشۇناس پروفېسسور جەڭگىز ئاليىلماز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى

0:00 / 0:00


9 - ماي كۈنى تۈركىيەدە تونۇلغان تۈركشۇناس جەڭگىز ئاليىلماز ئەپەندى «تارىخىي مەنبە ۋە ئىسپاتلار بويىچە تۈرك تارىخى» ماۋزۇسىدا دوكلات بەردى. تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىغا تۈرك تىل تەتقىقات ئىدارىسى مەسئۇلى مۇستافا قاچالىن ئەپەندى، تونۇلغان تىلشۇناس زەينەپ قورقماز خانىم قاتارلىق 500 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى قاتناشتى.

يىغىندا جەڭگىز ئاليىلماز ئەپەندى 25 يىلدىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، تاشقى ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە، سىبىرىيە، كاۋكازىيە، تۈركىيە، خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك بويۇملار، مەڭگۇ تاشلار، مىڭ ئۆيلەردىكى رەسىملەر، گىلەم ۋە كىگىزلەرگە چۈشۈرۈلگەن سىمۋوللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تۈرك تارىخى ۋە ئۇيغۇر توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلارنى بەردى.

جەڭگىز ئاليىلماز دوكلاتىدا ھازىرغىچە تېپىلغان تارىخىي بويۇملارغا ئاساسلىنىپ، ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدىمۇ يېڭى مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ تۈپ قارىشى

تارىختىكى ۋە ھازىرقى بارلىق تۈركىي قوۋملارنىڭ ھەممىسى قان - قېرىنداش، يەنى بىر مىللەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر.

ئۇ دوكلاتىدا غەرب دۆلەتلىرىدىكى تارىخچىلار بىلەن خىتاي تارىخچىلارنىڭ ھازىرقى شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ 840 - يىلىدا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى يازغانلىقى، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك بويۇملارغا قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا 5 مىڭ يىل بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پروفېسسور ئاليىلماز دوكلاتىدا تارىم ۋادىسىدا تېپىلغان قەدىمكى قۇرۇق جەسەدلەرنىڭ بەدىنىگە بېسىلغان تامغا ئىزلىرى بارلىقىنى، بۇ ئادەتنىڭ تۈركىيەنىڭ گازىئانتەپ رايونىنىڭ نىزىپ ناھىيىسىدىمۇ بارلىقىنى، بۇنىڭغا قارىغاندا لوپنوردا تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پروفېسسور جەڭگىز ئاليىلماز ئەپەندى دوكلاتىدا يەنە سەلجۇقلۇ دۆلىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

پروفېسسور جەڭگىز ئاليىلماز ئەپەندى 5 يىلدىن بېرى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئەرزۇرۇم ئۇنىۋەرسىتېتى ئورتاقلىشىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايدىكى كۆك تۈرك يېزىقى بىلەن يېزىلغان مەڭگۇ تاشلارنى تېپىپ تەتقىق قىلىش تېمىسىدىكى ئىش پىلانىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىن كۆپ ساندا كۆكتۈركچە مەڭگۈ تاشلارنى تاپقانلىقىنى بايان قىلدى.

جەڭگىز ئاليىلمازنىڭ كۆك تۈركچە توغرىسىدا يېزىلغان كۆپ ساندا كىتاب ۋە ماقالىلىرى بار.