«تارىخ ۋە بۈگۈن» (2012-يىلى 11-نويابىر)

« تارىخ بۈگۈن » سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمى مەخسۇس 1933-يىلى، ۋە 1944-يىلى ئىككى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خاتىرە كۈنلىرىگە بېغىشلاندى.

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار 1933-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە، 1944-يىلى، 12-نويابىردا غۇلجىدا ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ، ھازىرقى زامان تارىخىدا مۇھىم ئىز قالدۇردى.

بۇ كۈنى دۇنيانىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە غەرب ، رۇس، تۈرك ۋە ياپون ئالىملىرىمۇ مەلۇم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ياپونىيە ئالىمى شىنمەن ياسۇشىنىڭ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلىرى كۆرۈنەرلىكتۇر. بۇ ياپون ئالىمىنىڭ كۆز قاراشلىرى ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، بۇ ھەقتە ھاجى قۇتلۇق قادىرى مەلۇمات بېرىدۇ.

سوۋېت ۋە خىتاي تارىخشۇناسلىرى دائىم 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئەنگلىيە قوللىغان ھەمدە بۇ جۇمھۇرىيەت ئەنگلىيىنىڭ پىلانلىشى بىلەن قۇرۇلغان دەپ يازغان ئىدى. ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟ بۇ ھەقتە قۇتلان مەلۇمات تەييارلىدى.