ئاۋسترالىيىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان سۆيۈنگۈل جانىشېف خانىم يازغان «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق كىتابنىڭ تۈركچە نەشىرىدىن باشقا يەنە رۇسچە ۋە تاتارچە تەرجىمىلىرىمۇ نەشىر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلغان.
بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىڭ ئىككىنچى نەشرى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. كىتاب 1 - قېتىم 2006 - يىلى ئىستانبۇل تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان ئىدى. 2 - نەشرى بۇ ئاي يەنە ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن قايتا نەشىر قىلىندى. «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق كىتابنىڭ 2 - نەشرى 676 بەتتىن، تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابتا ئاپتورنىڭ 1960 - يىلىدىن 1980 - يىلىغىچە بولغان مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى كەچۈرمىشلىرى ۋە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان سىياسەتلىرى بايان قىلىنغان. ئەسەردە ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى ئۆز پېتى ئېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان سىياسى تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
كىتابنىڭ ئاپتورى سۆيۈنگۈل جانىشېف خانىمنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچىسى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان، ھازىرغىچە تۈرك، رۇس ۋە تاتار تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلغان بولۇپ، ھازىر ئىنگىلىز، ۋېنگىر، قازاق ۋە ياپون تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىۋېتىپتىدەك.
مەزكۇر كىتابنى شائىرە نۇرەلا گۆكتۈرك خانىم 2011 - يىلى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان بولۇپ، مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئىدى. رۇسچە تەرجىمىسى تاتارىستاندا تەرجىمە قىلىنىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە تارقىتىلماقتا.
«كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق كىتابنىڭ 2 - نەشرىنىڭ مۇقاۋىسى كۆك رەڭدە بولۇپ، بۇلۇتلۇق ئاسماندىكى بىر كۆزدىن ئېقىۋاتقان ياشنىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا ئېقىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن رەسىم قويۇلغان. كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنىڭ ئىچىگە ئاپتور سۆيۈنگۈل چانىشېف خانىمنىڭ ياشلىق چېغىدىكى رەسىملىرى كىرگۈزۈلگەن.
0:00 / 0:00