1944 - يىلى، 7 - نويابىر كۈنى تاڭ سەھەردىكى 1 - پاي ئوق (4)
2013.11.13
91 ياشلىق تارىخىي شاھىد، سابىق مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئوفىتسېرى، مايور خەمىت كەنجىبايېف ئۆز ئەسلىمىلىرىدە 1944 - يىلى، 7 - نويابىر كۈنى ئىنقىلابنىڭ 1 - پاي ئوقى ئېتىلغان ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.
بۇنىڭدىن 69 يىل ئىلگىرىكى 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا غۇلجا خەلقى قوزغىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن غۇلجا شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئازاد قىلىپ، 12 - نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قۇرغان ئىدى.
7 - نويابىر كۈنى تاڭ سەھەردە ئابدۇكېرىم ئابباسوف باشلىغان بىر گۇرۇپپا ئىلى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ بىندېنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش بىلەن قوزغىلاڭ باشلاندى.
تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1944 - يىلى، 4 - ئايدا غۇلجىدا قۇرۇلغان مەخپىي «ئازادلىق تەشكىلاتى» تەرىپىدىن 10 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قورال ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئابدۇكېرىم ئابباسوف 6 - نويابىر كۈنى پېتىر ئالېكساندروپ باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم پارتىزانلارنى باشلاپ، مەخپىي ھالدا غۇلجىغا يېتىپ كېلىپ، غۇلجا شەھىرىدىكى ئۈچ دەرۋازا قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلىشىدۇ. شۇ كۈنى تاڭ سەھەردە ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە قوزغىلاڭغا قوماندانلىق قىلىش شىتابى قۇرۇلىدۇ. دەسلەپكى قوزغىلاڭ شىتابى بويىچە ئابدۇكېرىم ئابباسوفقا ئىلى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق ھەر مىللەت زاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۇرۇشىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ليۇ بىندېنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى بېرىدۇ.
ئابدۇكېرىم ئابباسوف ئۆزى بىلەن ئىككى ياردەمچىسىنى باشلاپ، ليۇ بىندې تۇرغان ئۆينىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى تۇتۇش ۋە ياكى ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسىگە كىرىشىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ باشلىغان گۇرۇپپا ليۇ بىندېنى نەق مەيداندا يوقىتىش بىلەن غۇلجا قوزغىلىڭىنىڭ 1 - پاي ئوقىنى ئېتىپ، 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچىدۇ.