مۇنىر يېرزىن : دەلىلقان سۇگۇربايېف ئەخمەتجان قاسىمىنى ھۆرمەت قىلاتتى ۋە رەھبەرلىكىگە بويسۇناتتى
2018.11.08
ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان 91 ياشلىق تارىخىي شاھىت مۇنىر يېرزىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1947-1949-يىللىرى غۇلجىدا نەشر قىلىنغان «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە ئىشلەش جەريانىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ، ئەسلىمىسىنىڭ بۈگۈنكى داۋامىدا 1946-يىلى، 7-ئايدا گەرچە، گومىنداڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى تىنچلىق بىتىمى بويىچە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقنىڭ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دېگەن نامنى داۋاملىق قوللىنىۋەرگەنلىكىنى، ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت ئازاد ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ھېچقاچان گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە بويسۇنماي ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مۇنىر يېرزىننىڭ ئەسلىشىچە، 1947-يىلى 10-ئايدا ئوسمان باتۇرنىڭ ئىلى ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيانى بېسىقتۇرۇلۇپ، ئالتاي قايتۇرۇۋېلىنىپ، دەلىلقان سۇگۇربايېف ۋالىيلىققا تەيىنلەنگەندىن كېيىن ئۇ «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى سۈپىتىدە ئالتايغا ئەۋەتىلگەن. ئۇنى دەلىلقان سۇگۇربايېف قىزغىن قارشى ئالغان.
مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، دەلىلقان سۇگۇربايېف مىللىي ئارمىيەنىڭ شىمالىي فرونت قوماندانلىق ۋە ئالتاي ۋالىيلىقى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلاتتى. ئۇ، ئەخمەتجان قاسىمىنى ناھايىتى ھۆرمەت قىلاتتى. گېنېرال مايور دەلىلقان سۇگۇربايېف ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭ ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئالتاي ۋە باشقا جايلاردىكى قازاقلارنى ئۇيغۇرلارغا قارشى قويۇش، ئالتاينى ئوسمان باتۇر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىدىن پارچىلاش تاكتىكىسىنى تارمار قىلىشقا ھەسسە قوشقان شەخس ئىدى.
1947-يىلىدىن باشلاپ خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرەپ ئازاد ئۈچ ۋىلايەتنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قامال قىلىش، سىياسىي جەھەتتىن مۇقىمسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قوللانغان بولۇپ، ئوسمان باتۇر ئىسيانى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن. ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابى ھۆكۈمەت پۈتۈن ئىمكانىيەت بىلەن ئۈچ ۋىلايەتنىڭ، جۈملىدىن ئالتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا تىرىشقان. نەتىجىدە، ئىلى، تارباغاتايدىكى خەلق تۇرمۇشى خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە ۋىلايەتتىكىگە قارىغاندا ئالاھىدە ياخشىلانغان.
مۇنىر يېرزىن ئەپەندى 1949-يىلى، 7-ئايدا ئالتايدىن قايتىپ كېلىپ، شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە« ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە ئىشلىگەن. بۇ گېزىت خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئەمەلدىن قالغان ۋە «ئىلى گېزىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن. مۇنىر يېرزىن ئەپەندى 1950-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئالمۇتادا ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.