ئاتاقلىق مۇزىكانت ۋە سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى مۇساجان روزىنىڭ مىللىي ئارمىيە ئەسلىمىلىرى (1)

0:00 / 0:00


ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق مۇزىكانتى، پېشقەدەم مۇزىكا ئۇستازى مۇساجان روزى بۇ يىل 90 ياشقا كىردى. مۇساجان روزى قابىل ۋە تالانتلىق مۇزىكانت بولۇپلا قالماستىن بەلكى 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى داغدۇغىلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئىشتراكچىسى، مىللىي ئارمىيەنىڭ باتۇر پلىموتچىسى سۈپىتىدە جەڭلەرگە قاتنىشىپ، باتۇرلۇق كۆرسەتكەن قەھرىمان جەڭچى ئىدى.

ئۇنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ ھەرەمباغ، داخېياڭزى، يەنسىخەي ۋە شىخو جەڭلىرىگە قاتناشقان، ماناس دەرياسى بويىدىكى ئالدىنقى سەپتە مۇداپىئەدە تۇرغان. ئۇ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن ۋەقەلەرگە شاھىد بولغان، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرە، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى گېنېرال پالىنوۋ قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەر بىلەن ئۇچراشقان.

مۇساجان روزى غۇلجا ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان پىيادىلەر 4 - پولكىنىڭ پىلىموتچىسى ئىدى. مەزكۇر پولك مىللىي ئارمىيەنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار ۋە قەھرىمان پىيادە قىسىمى ئىدى.

مۇساجان روزى تاكى 1948 - يىلىغىچە مىللىي ئارمىي سەپىئودە ئىشلەش جەريانىدا مۇزىكا بىلەنمۇ ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ سەنئەت ئىشلىرىدا ياخشى تونۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ 1949 - يىلىدىن كېيىنكى ھاياتى ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىلىرىنى رەتلەش، ئىجاد قىلىش ۋە ئورۇنداش ھەم ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش بىلەن ئوتتى.

دىققىتىڭلار ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ پېشقەدەم سەنئەتكار، سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى مۇساجان روزىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى جەريانىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدە تەييارلىغان سۆھبەت پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.