ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى ئىپتارلىق زىياپەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان
2025.03.05

4-مارت كۈنى ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئىپتار زىياپىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. بۇ پائالىيەتكە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى سىر كىيەر ستارمېر ئەپەندى قاتنىشىپ، رامىزانلىق تەبرىك سۆزى سۆزلىگەن.
ئۇ سۆزىدە «بۈگۈن بىز بۇ يەردە بىرلىكنىڭ ھەمكارلىقنىڭ كۈچىنى كۆرۈۋاتىمىز، دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەنگلىيە پارلامېنتى مۇسۇلمانلار گۇرۇپپىسىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇنچە كۆپ ئىنساننىڭ سىمۋوللۇق شەكىلدە، سىمۋوللۇق بىر يەرگە جەم بولۇشى بىر ئەۋزەللىكتۇر. مەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەيمەن! بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ئىنسانلارنىڭ تىنچ، باراۋەر ياشاش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىنى، ئىسلام دۈشمەنلىكىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى، بارلىق دىنلارغا ھۆرمەت قىلىشنى، ھەممە ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى ئەركىن ياشاشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمەن!».
بۇ زىياپەتكە نۆۋەتتە ئەنگلىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس، مەركىزى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رەھىمە ماھمۇت قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. ئۇلار بۇ ئىپتارلىق پائالىيىتىدە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ھەر قايسى مۇسۇلمان تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىلدى
ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى
ئەنگلىيە پارلامېنتى كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىغا «قۇل ئەمگىكى» ئارىلاشمىغان بولۇشىنى تەلەپ قىلدى
نۆۋەتتە ئەنگلىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى رادىيومىز ئارقىلىق ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.
روشەن ئابباس خانىممۇ، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاينىڭ كەڭ كۆلەمدە تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا ۋە خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ھەدىسى دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭمۇ ھازىرمۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقان. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر رېئاللىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رەھىمە ماھمۇت خانىممۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «بۇنداق بىر پائالىيەتتە سىياسەتچىلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى» نى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئابدۇلھاكىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئىپتار زىياپىتىدىن بۇرۇن ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇر» دېگەن تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
ئەنگلىيەدىكى مۇسۇلمان جامائىتى ۋە ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرىگە بېرىلىدىغان ئىپتارلىق زىياپەت ئەنگلىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئىپتارلىق زىياپىتىگە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى سىر كېيەر ستارمېر، پارلامېنت ئەزالىرىدىن جون مايكفال، لىنساي ھويلە، تارىق ئەھمەد، بارونېس سەييىد ۋارسى، نۇسرەت غەنى قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.
ئىپتار زىياپىتى جەريانىدا ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، روشەن ئابباس، رەھىمە ماھمۇت قاتارلىقلار پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتقان، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىدىن چەتتە قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.