ئەنگلىيە پارلامېنتى كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىغا «قۇل ئەمگىكى» ئارىلاشمىغان بولۇشىنى تەلەپ قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.09.05

ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار ئالاھىدە كومىتېتى ئەزالىرى يېقىندا «ئېنېرگىيە قانۇنىنى تۈزىتىش لايىھەسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدا چوڭ تىپتىكى كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىغا «قۇل ئەمگىكى» نىڭ ئارىلاشمىغان بولۇشىنى ئىسپاتلاش تەلەپ قىلىنغان. ئەگەر ئەنگلىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرى بۇ قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلسا، ئەنگلىيە ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى بولغان كۈنتاختىلارنى تۆكمە قىلىپ سېتىش دۆلىتىگە ئايلىنىدىكەن.

ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ 3-سېنتەبىر كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «ئېنېرگىيە قانۇنىنى تۈزىتىش لايىھەسى» 9-ئاينىڭ 5-كۈنى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەلىسىيا كېرنىس (Alicia Kearns) ۋە مەزكۇر كومىتېتنىڭ 7 نەپەر ئەزاسى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قانۇن لايىھەسىدە، «چەت ئەلنىڭ ھەر قانداق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى شىركىتى توك مىقدارى 500 مېگاۋاتتىن يۇقىرى كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرى ياكى كۈنتاختا پروجېكتىنى ئەنگلىيەگە كىرگۈزمەكچى بولسا، ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ئەنگلىيە پىلان ۋە نازارەت ئىدارىسى ئۇلارنى چەكلەيدۇ» دېيىلگەن.

ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەلىسىيا كېرنىس مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆزلەشتۇق. ھۆكۈمەتنىڭمۇ ئەمدى قاتتىقراق گەپ قىلىدىغان ۋاقتى كەلدى. ئۇلار بۇ قېتىم ‹ئېنېرگىيە قانۇنىنى تۈزىتىش لايىھەسى› نى ماقۇللاش ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلسا بولىدۇ» .

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونى ھازىر كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھالقىلىق خام ئەشياسى بولغان كىرىستاللىق سىلىتسىي بازىسى بولۇپ، دۇنيا ئومۇمىي زاپىسىنىڭ 35 پىرسەنتىدىن 40 پىرسەنتىگىچە ئىگىلەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.