ھەپتىلىك خەۋەرلەر (28-دېكابىردىن 1-يانۋارغىچە)
2016.01.01
رابىيە قادىر خانىم پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە يېڭى يىللىق بايانات ئېلان قىلدى
2016-يىلنىڭ يېتىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە يېڭى يىللىق سالام يوللىدى.
ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى بىر يىلىغا تىنچلىق، ئاسايىشلىق تىلىگەن رابىيە خانىم ئۆز سۆزىدە يەنە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا سەبر-چىدام تىلىدى. جامائەتچىلىكنى ئۇلارغا ھەر ۋاقىت ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمدە بولۇشقا دەۋەت قىلدى.
يېڭى يىل ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىكى ساقچىخانا خادىملىرى «24 سائەتلىك چارلاش» ئېلىپ بارماقتىكەن
ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى يىل ھارپىسىدا دائىرىلەرنىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرگە قاراتقان ئاتالمىش «مۇقىملىق» تەدبىرلىرى پەۋقۇلئاددە كۈچەيمەكتىكەن.
خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىگە قاراشلىق موكويلا يېزىلىق ساقچىخانا خادىملىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يىل ھارپىسىدىن ئىبارەت بۇ پەۋقۇلئاددە جىددىي پەيتتە «24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك» تە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىئومىزنىڭ نەق مەيداندىن ئۇچۇر ئىگىلىشى داۋامىدا، بۇ ئەھۋالنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن سىرت، يەنە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق بەزى ناھىيەلەردىمۇ مەۋجۇتلۇقى مەلۇم بولدى.
ئاۋات ناھىيەسىدىكى «مۇقىملىق كادىرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىخانىلارنىڭ كۈندە ئېلىپ بارىدىغان ئومۇميۈزلۈك «چارلاش» خىزمىتىدىن باشقا، كەنتتىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى «دىنىي ئەسەبىيلىك» دەپ قارالغان ھەرقانداق دىنىي پائالىيەتلەرگە «كۆز-قۇلاق» بولىدىكەن.
خىتاي «تېررورلۇققا قارشى قانۇن» ماقۇللىغان مەزگىلدە گۇاڭجۇدىكى مېھمانخانىلار ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىك ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى «تېررورلۇققا قارشى قانۇن» ماقۇللىغان ئەسنادا گۇاڭجۇدىكى مېھمانخانىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىك ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقى مەلۇم بولدى.
خەلقئارا تاراتقۇلار خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان تەقىب ۋە چەكلىمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە گۇاڭجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى چىقارغان بۇ ئۇقتۇرۇش كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
24-دېكابىر كۈنى چىقىرىلغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا «پىچاق ئاسقان، ئاي-يۇلتۇز بەلگىسى بار كىيىم كىيگەن ياكى ناماز ئوقۇغان ئالامەتلەرنىڭ دەل ‹تېررور گۇماندارلىرى› نىڭ تىپىك بەلگىلىرى» ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
رادىئومىزنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى مەلۇم بىر مېھمانخانىدىن ئىگىلىشىچە، ساقچى ئىدارىسى مېھمانخانىلارغا ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ئىچكى بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىكەن.
ئەنقەرەدە «ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتى يىغىنى مۇھاكىمە» ئۆتكۈزۈلگەن
ھەر يىلى قەرەللىك چاقىرىلىۋاتقان «ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتى مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ 2015-يىللىق سانى 28-دېكابىردىن 30-دېكابىرغىچە تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن.
ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ساھىبخانىلىق قىلغان بۇ يىللىق تۈركولوگىيە ئىلمىي يىغىنىغا 40 قا يېقىن تەتقىقاتچى قاتناشقان.
مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ ماقالىلىرىمۇ ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان. ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور نۇرانىيە خانىم ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخى ھەققىدىكى مەخسۇس ماقالىلىرىنى ئوقۇغان.
مەلۇمكى، 2002-يىلىدىن تارتىپ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. مەزكۇر يىغىنىنىڭ 2014-يىللىق سانى مەخسۇس ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ئىدى.
مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم شاھىتلار 1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ھەققىدە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى
1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» گە 30 يىل تولغان بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم شاھىتلار ئۆز ئەسلىمىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى بۇ دەۋر بۆلگۈچ ۋەقەنى قايتا يورۇتماقتا.
19-دېكابىر كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىدە بىر قىسىم شاھىتلار «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ھەققىدە جامائەتچىلىككە گۇۋاھلىق بەردى ۋە بەس-بەستە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى.
شاھىتلاردىن نۇرمۇھەممەت مۇساباي ئەينى چاغدىكى نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بىلەن قانداق شارائىت ۋە قانداق تېمىلاردا مۇنازىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.
شاھىتلاردىن مەمەت توختى ئۆز ئەسلىمىسىدە «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە زەنجىرسىمان تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رادىئومىز مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ تۇتقۇندىكى ئىككى قېرىندىشى 30-دېكابىر كۈنى قاماقتىن قويۇپ بېرىلگەن
رادىئومىز مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ 16 ئايدىن بېرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى قېرىندىشىنىڭ ئالدىنقى كۈنى قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
شۆھرەت ھوشۇرنىڭ چوڭ ئاكىسى 2014 -يىلى ئىيۇندا «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 5 يىللىق قاماققا كېسىلگەن ئىدى. ئاكىسىنىڭ سوتلىنىش جەريانىنى شۆھرەت ھوشۇرغا يەتكۈزگەن قالغان ئىككى قېرىندىشىمۇ 2014-يىلى 17- ئاۋغۇست خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇلتۇردىن بۇيان خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى قېرىندىشى تۈنۈگۈن يەنى 30 -دېكابىر كۈنى سەھەردە قويۇپ بېرىلگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش سەۋەبى ھەققىدە ئائىلىسىدىكىلەرگە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.
شۆھرەت ھوشۇرنىڭ قېرىنداشلىرى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى بۇ ۋەقەنى «بىر چوڭ دۆلەتنىڭ شەخس سۈپىتىدىكى بىر مۇخبىردىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە ئىككى قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تەرەپنى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا دەخلى-تەرز يەتكۈزمەسلىككە چاقىرغان ئىدى.