ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16-فېۋرالدىن 22-فېۋرالغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-02-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دولقۇن ئەيسا ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئىشلار باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندىم بىلەن بىرگە. 2019-يىلى 15-فېۋرال. ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.
دولقۇن ئەيسا ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئىشلار باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندىم بىلەن بىرگە. 2019-يىلى 15-فېۋرال. ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.
RFA

بىر قىسىم ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكى دەلىللەندى

«زىمىستان» تورى يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىن زور ساندىكى مەھبۇسلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئالاقىدار خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكى موڭغۇلغا يۆتكەلگەن بۇ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ تاشقى دۇنيادىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشى مەنئى قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنى باشقۇرۇش ئىشلىرى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» قاتارىدا بىر ياقلىق قىلىنماقتا ئىكەن.

«ئىنتىل» مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللانىڭ تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان زور تۇتقۇندا ئەلگە تونۇلغان ساخاۋەتچىلەرنىڭ بىرى، «ئىنتىل» مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللانىڭمۇ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتە.

بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن ئابلەت ئابدۇللا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ باي بولغاندىن كېيىن 70 نەچچە مۇنتىزىم ئوقۇتقۇچىسى بولغان «ئىنتىل» كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى ئېچىپ، بىر قىسىم نامرات ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز مائارىپ بىلەن تەمىن ئېتىپ كەلگەن ئىكەن.

ئانالىزچىلار «ئابلەت ئابدۇللاغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقدىرلىشىگە مۇيەسسەر بولغان بىر ساخاۋەتچىنىڭمۇ لاگېرغا سولىنىشى لاگېرلارنىڭ ھەقىقىي خاراكتېرىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دېدى.

ئىشقىيار ئابدۇرېھىمنىڭ بايانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە

ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان مىسلىسىز باستۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى قانچىلىك خانىۋەيران قىلىۋاتقانلىقى ئىشقىيار ئابدۇرېھىمنىڭ بايانلىرىدا يەنە بىر قېتىم تىپىك ھالدا ئەكس ئەتتى.

ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئىشقىيار ئابدۇرېھىمنىڭ ئائىلە ئەزالىرى 1997-يىلىدىكى غۇلجا «5-فېۋرال پاجىئەسى» مەزگىلىدىلا قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. يېقىندا ئۇ قېرىنداشلىرى ۋە بىۋاسىتە تۇغقانلىرىدىن 35 كىشىنىڭ لاگېردا ۋە تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىشقىيار ئابدۇرېھىمنىڭ ئائىلىسى ئىزچىل «نۇقتىلىق ئائىلە» بولۇپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتىكى باستۇرۇشتا بۇ خىل ئائىلىلەر ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىمەكتە ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قول تىقىشى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

ئۆتكەن ھەپتە كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇشنىڭ مەك-ماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە لېكسىيە بېرىش پائالىيىتى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارشىلىقى ۋە ئۆكتەملىك قىلىشىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.

كېيىنچە بۇ ئىشلارغا كانادادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىۋاسىتە ئارىلاشقانلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ھەقتە قانداق كۆرسەتمە بەرگەنلىكى ئاشكارا بولدى.

ۋەقەدىن كېيىن بۇ ئەھۋال ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مەخسۇس خەۋەر قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا قانداق قول تىقىۋاتقانلىقى ھەققىدە چوڭ غۇلغۇلا قوزغالدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋاشىنگتوندا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

ئالدىنقى ھەپتىدە ئامېرىكىغا خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن كەلگەن د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق پىكىر ئالماشتۇرغان.

بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرۇلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارغا دائىر ئىككى قانۇن لايىھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىن باشقا د ئۇ ق رەھبەرلىرى يەنە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىلمىي تەشكىلاتلار بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان.

ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى كۆپلەپ تونۇشتۇرۇلدى

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلار ھەققىدە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىكى ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا مەلۇمات بېرىش مەقسىتىدە مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكىدىكى ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تەربىيەلەش لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلار» تېمىسىدىكى يىغىندا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، لاگېرلاردا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش مۇمكىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر كۈنلۈك مەخسۇس يىغىندا خىتاينىڭ ئۆتكەن ئوتتۇز يىل مابەينىدە ئىنسان ھەقلىرىنى قايسى دەرىجىدە ئاياق-ئاستى قىلىپ كەلگەنلىكى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بەدەل تۆلىگەنلىكى ھەم تۆلەۋاتقانلىقى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت