ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6-ئاپرېلدىن 12-ئاپرېلغىچە)
2019.04.12
تىجارەتچى ياقۇپ روزى لاگېردا جان ئۈزگەن
يېقىندا ئاتۇشنىڭ شورۇق يېزىسىدىكى تىجارەتچى ياقۇپ روزىنىڭ بۇ يىل مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىدا لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، ياقۇپ روزى قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە سودا قىلىۋاتقان بولۇپ، 2017-يىلىنىڭ بېشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ئىكەن. دەسلەپ ئۇنىڭ پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنغان، ئارقىدىنلا شۇ يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان.
لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ لاگېرلاردا جان ئۈزۈۋاتقانلىقى ھازىر دائىملىق ھادىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرغا بولغان كونتروللۇقى سەۋەبىدىن بۇنداق ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ كۆپى نامەلۇم ھالدا قالماقتا ئىكەن.
ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى ئېلياس مەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
2000-يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپچىلىككە تونۇلۇشقا باشلىغان ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى ئېلياس مەمەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ راستلىقى دەلىللەندى.
ئىلياس مەمەت ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى 2001-يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا قاتارلىق شەھەرلەردە «ۋىسال مېھمانخانىسى»، «سۈبھى سودا سارىيى» قاتارلىق كۆپلىگەن سودا بىنالىرى ۋە ئولتۇراق ئۆي بىنالىرىنى سالغان ئىكەن.
نۆۋەتتە بىر قىسىم ئانالىزچىلار ئىلياس مەمەت جەمەتىنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.
گەنسۇنىڭ ۋۇۋېي تۈرمىسىدە بىرەر مىڭچە ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ بارلىقى دەلىللەندى
ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارانىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشكە باشلىغان ئىدى. يېقىندا ئاشۇ خىلدىكى بىرەر مىڭچە ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ گەنسۇنىڭ ۋۇۋېي تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى دەلىللەندى.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا شۇ جايدىكى ساقچى خادىملىرىدىن بىرى بۇ مەھبۇسلارنىڭ ۋۇۋېي تۈرمىسىدىكى تۆت رايونغا تارقاق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان.
«زىمىستان» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ مەھبۇسلار ھېچكىم بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەيدىكەن. ئۇلارغا 24 سائەت كويزا ۋە كىشەن سېلىنىدىكەن. شۇنداقلا تۈرمە ساقچىلىرىغا بۇ مەھبۇسلار قارشىلىق كۆرسىتىپ قالسا شۇ جايدىلا ئېتىۋېتىش بۇيرۇقى بېرىلگەن ئىكەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار «بارىن ۋەقەسى» نى خاتىرىلىدى
بۇ يىل 5-ئاپرېل كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى «بارىن ۋەقەسى» نىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» ميۇنخېندا نامايىش قىلدى. بۇ خىلدىكى نامايىشلار نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق جايلاردىكى تەشكىللەندى.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى مەخسۇس يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ بارىن شېھىتلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان قىلدى. شۇنداقلا «بارىن ۋەقەسى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى زامان تارىخى» تېمىسىدا نۇتۇقلار سۆزلەندى.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بىئولوگىيەلىك تەجرىبىدە ھەمكارلىشىشى غۇلغۇلا قوزغىدى
خەلقئاراغا تونۇلغان بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتاي ئالىملىرى بىلەن بىرلىكتە خىتايدىكى مەلۇم بىر تەجرىبىخانىدا ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ ھەقتە غۇلغۇلا قوزغالدى.
شۆھرەت مۇتەللىپوۋ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئەۋەتكەن باياناتىدا ئۆزىنىڭ ئىلىم-پەن تەتقىقاتى ئۈچۈن خىتاي ئالىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇنىڭ سىڭلىسى، خەلقئاراغا تونۇلغان ئالىمە مايسەم مۇتەللىپوۋا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. شۇنداقلا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا مۇشۇنچە زۇلۇم سېلىۋاتقاندا ئاكامنىڭ بۇ قىلغىنى پەقەت توغرا ئەمەس» دەپ ئەيىبلىدى.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ئەركىنلىك مارشى» تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق بىر قاتار تەشكىلاتلار ئۇزۇندىن بۇيان تەييارلىق قىلغان «ئۇيغۇر ئەركىنلىك مارشى» پائالىيىتى 6-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئامېرىكانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، شۇنىڭدەك ھەرقايسى مەسچىتلەردىن كەلگەن مۇسۇلمانلار جامائىتىدىن بىرەر مىڭچە كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئەمەلىي ھەرىكەتتە بولۇشقا دەۋەت قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ۋاشىنگتوندىكى نامايىشقا ئاۋاز قوشۇپ، لوس-ئانژېلىس شەھىرىدە «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» تېمىسىدا نامايىش قىلدى. بۇ خىلدىكى نامايىش يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.