ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25-مايدىن 31-مايغىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.05.31
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

خەلقئارالىق تەشكىلاتلار خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمە سىياسىتىدە ئاگاھلاندۇردى

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى توغرىلىق يىغىندا خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمە سىياسىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلدى.

يىغىننى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجەفىسكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىنىي ئېتىقادىنى باستۇرۇشى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋاشىنگتون شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ت. كۇمار: بىز خىتاينى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى سۇيىئىستېمال قىلماسلىققا قايتا ئاگاھلاندۇرىمىز، دېدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن سوفىي رىچاردسون: خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش قىيىن، دە كۆرسەتتى.

يىغىن ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالاشقان بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر ئىچىدە ئەڭ يادرولۇق مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

غۇلجا بايكۆلدە 8 مو بۇغدايلىقنى دېھقاننىڭ رازىلىقىسىز مەجبۇرىي ئاغدۇرۇۋېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن

غۇلجا شەھىرىنىڭ قارادۆڭ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان تۇرسۇن تۇرغۇننىڭ 8 مو بۇغدايلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى يېرىم كېچىدە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن.

بۇنىڭ بىلەن 10 جانلىق بۇ ئائىلىنىڭ بۇ بىر يىللىق ئەمگىكى بىكار بولغان، بىر يىللىق ئوزۇق-تۈلۈكى كۆككە سورۇلغان. كەنت ئاھالىلىرى تەجرىبىلەرگە ئاساسەن، بۇ ئىشنى بايكۆلدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى سېتىۋالماقچى بولغان خىتاي شىركەتلىرى قىلغانلىقىنى ياكى يەرنى شىركەتكە ساتماقچى بولغان يەرلىك دائىرىلەر قىلغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. ئەمما يۇقىرىقى ھەر ئىككى تەرەپ ۋەقەدىكى مەسئۇلىيىتىنى رەت قىلغان.

زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغان يەرلىك دېھقانلار، دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنى 10 يىلدىن بېرى قۇرۇق گەپ بىلەن ئالداپ يەرلىرىنى ئەرزان باھادا تارتىۋېلىۋاتقانلىقىنى، يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنىڭ خىتايلارغا مەدىكار بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى قارشىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى

26-ماي گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار تىبەتلەر بىلەن بىرلىكتە بېرلىندىكى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئالدىغا يىغىلىپ خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى.

قوللىرىدا بايراق ۋە لوزۇنكا كۆتۈرگەن نامايىشچىلار ئانچە يىراق بولمىغان مەيداندا ئەسكىرىي مۇراسىم بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنى خىتايغا قارشى شوئار سادالىرى بىلەن كۆمۈپ تاشلىدى.

بۇ، لى كېچياڭنىڭ خىتاي باش مىنىستىرى بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق گېرمانىيە زىيارىتى بولۇپ، ئۇنىڭ بېرلىندىكى بىرىنچى قەدىمى ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇڭگۇڭ ۋە باشقا خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى گۇرۇپپىلارنىڭ بىرلەشمە قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشىغا دۇچ كەلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن كۆپىنچىسى 500 كىلومېتىردىن يىراق بولغان جەنۇبتىكى ميۇنخېندىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بۇ قېتىمقى بىرلەشمە نامايىشنىڭ غول قىسمىنى تەشكىل قىلدى.

بېيجىڭدىكى قارامايلىق ئانىلار: قارامايدا كۆچمەنلەر ئىشقا ئېلىندى، بالىلىرىمىز ئۆز يۇرتىمىزدا ئىشسىز قالدى

قاراماي شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرى خىزمەت تاپالمايۋاتقان پەيتلەردە قارامايغا يېڭى كەلگەن خىتاي ئىشلەمچىلەر دەرھال يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتلەرگە كىرەلەيدىكەن.

ئۇيغۇر ۋە قازاق بولۇپ جەمئىي 8 ئانا بۇ ھەقسىزلىقلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ بېيجىڭغا كەلگەن.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قارامايدا نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ياشلارنىڭ سانى 5 مىڭغا يېتىدىكەن.

ئەرزدار دىلبەر خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار بېيجىڭغا كەلگىنى 18 كۈن بولغان بولسىمۇ، ئەرزىنى ئاڭلايدىغان يەر تاپالمىغاننىڭ ئۈستىگە بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا ئۇچرىغان.

گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە چاقىرىلغان «مەدەنىيەت دىپلوماتىيىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىن ياش ئەۋلادلارنى مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى بىلەن تەربىيىلەش مەقسىتىدە چاقىرىلغان بولۇپ، 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ يىغىنغا رۇسىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مىخائىل كاسيانوف، ئېستونىيىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ھازىر ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى كرىستىنا ئوجۇلاند خانىم قاتارلىق سىياسەتچىلەر، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ 70 ئەتراپىدا كىشى قاتناشماقتا. بۇ ئالىي يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە ھەيئىتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا قاتناشتى.

دولقۇن ئەيسا يىغىندا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پەرقلىق سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن. دوكلات يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىن جەريانىدا بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.

قاغىلىق ناھىيە بازىرىدا قانلىق ۋەقە يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 5 كىشى ئۆلگەن

رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز يوللىغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 25-ماي قاغىلىق ناھىيە بازىرىدا بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن، ۋەقەدە 2 ئۇيغۇر ۋە 3 خىتاي ئۆلگەن.

ئىگىلەنگەن مەلۇماتلاردا قاغىلىقتا قانلىق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە قاغىلىق ۋەزىيىتىنىڭ نۆۋەتتە جىددىيلىكى ئىسپاتلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىكى تەنتەربىيە مەيدانىغا يېقىن بىر جايدا يۈز بەرگەن.

ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەردىن ئاز دېگەندە بىر نەپىرى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، بىر نەپىرى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.

قاغىلىقتا بۇلتۇر 2-ئاينىڭ 28 -كۈنىمۇ بىر مەيدان قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ۋەقەدە 9 ئۇيغۇر خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىپ 13 كىشىنى چاناپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.