ھەپتىلىك خەۋەرلەر (4 - دېكابىردىن 10 - دېكابىرغىچە)
2010.12.10
10 - دېكابىر ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە خانىم بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇراسىمىغا قاتناشتى.
رابىيە قادىر خانىم 8 - دېكابىر نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلوغا يېتىپ كەلگەن ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم 9- دېكابىر ئەتىگەندىن باشلاپ نورۋېگىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلار ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ھەققىدە سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئاندىن كېيىن، نورۋېگىيە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىدىن كارىن خانىم بىلەن ئۇچراشتى.
9- دېكابىر كەچتە، رابىيە قادىر خانىم ياڭ جەنلى باشچىلىق خىتاي دېموكراتچىلىرى ئۇيۇشتۇرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
رابىيە قادىر خانىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.
7 - دېكابىر، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى بىل دېلاھۇنت ئەپەندىنىڭ دەم ئېلىشقا چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇردى.
مۇراسىمدا رابىيە خانىم بىل دېلاھۇنت ئەپەندىگە، ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە تون كىيدۈردى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن ئالاھىدە ياسالغان شەرەپ گۇۋاھنامىسى تەقدىم قىلدى.
بىل دېلاھۇنت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئىدى. دېلاھۇنت ئەپەندى مۇراسىمدا پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئاكتىپ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
9- دېكابىر، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم غوللۇق ئەزالىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتايدىن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشنى ۋە تۈرمىدىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئاخباراتنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن فرانك ۋولف، كىرستوفېر سىمىت قاتارلىق 7 كىشى بىرلىكتە ئېلان قىلغان. ئۇلار يىغىندا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېمبارگو قويغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ھارپىسىدا چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا بەزى ئاۋام پالاتا ئەزالىرى خىتاينىڭ مۇراسىمغا ئېمبارگو قويۇش ھەرىكىتىنى ناتسىستلار گېرمانىيسىنىڭ 1935 - يىلدىكى قىلمىشىغا ئوخشاتتى.
مىللىي كەمسىتىشكە قارشى ئەرز قىلىۋاتقان شائىرە گۆھەر مەمەت شاڭخەيدە نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغان.
مىللىي كەمسىتىشكە قارشى ئەرز بىلەن ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بېيجىڭغا كەلگەن شائىرە گۆھەر مەمەت، بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئالدىنقى ھەپتە شاڭخەيگە يېتىپ بارغان. ئۇ شاڭخەيگە كەلگەندىن بېرى ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى.
ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىگىلىشىمىزچە، گۆھەر مەمەت نۆۋەتتە شاڭخەيدىكى نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا داۋالانماقتا. بۇ داۋالاش پولات زاۋۇتى خادىملىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلماقتا. ئەمما، ئۇنىڭ بۇ دوختۇرخانىغا ئۆزى خالاپ بارغانلىقى ۋە ياكى زاۋۇت مەسئۇل خادىملىرىنىڭ ئۇنى مەجبۇرىي ئېلىپ بارغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
مۇخبىرىمىز ئاقسۇ شەھىرى 5 -باشلانغۇچ مەكتەپتە يۈز بەرگەن قىستاڭچىلىقتىن دەسسىلىش ۋەقەسىنى ئېنىقلاش جەريانىدا مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتەپنى ئەسلىدە، 15 يىلنىڭ ئالدىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەرھۇم ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر بايلىرىدىن ئابدۇراخمان ھاجى ئەپەندى سالدۇرغان.
جەمئىيەتتە كەڭ تارقالغان گەپلەردىن قارىغاندا، ئەينى چاغدا ئابدۇراخمان ھاجى مەزكۇر مەكتەپ ئۈچۈن ئايرىغان پۇل تولۇق ئىشلىتىلمىگەن. پۇلنىڭ قالغان قىسمى دائىرىلەرنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ سۇ ۋە يۇندا تۇرۇبىلىرى قورۇلۇشى تولۇق تاماملانمىغان. بۇ ئەھۋال ئاخىرى 29 -نويابىر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىستاڭچىلىقتىن دەسسىلىش ۋەقەسىگە سەۋەب بولغان.
ئەجەبلىنەرلىك يېرى، ئاقسۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر مەكتەپنىڭ يېڭى بىناسىنى سالغان مەرھۇم ئۇيغۇر باي- ئابدۇراخمان ھاجىنىڭ ئەجرى ۋە نامى پەقەت تىلغا ئالمىدى.
12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە شىمالىي سىپرۇستا چاقىرىلغان "21 - ئەسىردىكى تۈرك دۇنياسى" ناملىق خەلقئارالىق يىغىننىڭ قارارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلگەن:" شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەڭ ئالىي كۈن تەرتىپكە ئەكېلىش كېرەك."
يىغىنغا تۈركىيە، شىمالىي سىپرۇس، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي ئەللىرىدىن كەلگەن كىشىلەر، قىرىم تاتارلىرى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەردىن بولۇپ 61 ئادەم قاتناشتى.
2010 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5- 6 - كۈنلىرى، ئىستانبۇلدا ئېچىلغان قول - ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
كۆرگەزمىنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن "ئامىستېردام ئوربان كوزموپولىتانس" ۋەخپە بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. كۆرگەزمە زەيتىنبۇرنۇنىڭ سودا مەركىزى بولغان "ئولىۋىيۇم" سودا سارىيىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ پائالىيەتكە "قول - ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت خەلق بازىرى" دەپ نام بېرىلدى.
بۇ كۆرگەزمىگە ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئاياللارمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر دوپپىلىرى، كانۋاي ئەتلەس كۆڭلەكلىرى قاتارلىق ھەر خىل مىللىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمىگە قويدى. كۆرگەزمە مەيدانىغا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، بۇ بايراق زىيارەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.
بۇرۇن پاكىستانلىق بىرىگە ياتلىق بولغان ئۇيغۇر ئايال ئاسىيە ئائىلە زوراۋانلىقىغا يولۇقۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا 4 بالىسى بىلەن ئۆيىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان.
ئاسىيە يېقىندا رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىگە يەنە بىر قېتىم نارازىلىق بىلدۈردى ۋە ئۆزىگە غەمخورلۇق قىلغان ئۇيغۇر تەشكىلاتىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، يۇرتىغا قايتىپ كەتمەكچى بولغاندا، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇنىڭ پاسپورت ۋە ۋىزا ئىشلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇپ ئۇنىڭ قايتىش سەپىرىگە توسقۇنلۇق قىلغان. شۇ كۈندىن بۇيان ئاسىيە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ياشاپ كېلىۋاتقان ۋە يۇرتىغا قايتىش سەپىرىنىڭ ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى 8 ئايدىن بۇيان ئاسىيەنىڭ تۇرمۇشى توغرىسىدا ھېچقانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارمىغان.