ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24-دېكابىردىن 30-دېكابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.12.30

گۇما ناھىيىسىدە 7 ئۇيغۇر خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

چارشەنبە كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىلەن كەچ سائەت 9:00 ئەتراپىدا، گۇمان ناھىيىسىنىڭ مۇكۇيلا يېزىسىدا خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى كەشمىر تەرەپكە قاراپ ماڭغان ئۇيغۇرلاردىن 7 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئاز دېگەندە 4 كىشىنى يارىلاندۇرغان.

يەرلىك ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىچىدە رابىيە ئابدۇقادىر، ۋە بۈۋىزۆھرە سۇلايمان ئىسىملىك ئىككى ئايالمۇ بار ئىكەن. ئۇلار دىنىي بېسىمغا نارازى بولۇپ، پاكىستانغا قاچماقچى بولغان.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر، مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى ئون نەچچە كىشىنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ 32 ياش، ئەڭ كىچىكىنىڭ 7 ياش ئىكەنلىكى، بىراق گۇرۇپپىدىكى 17 ياشتىن يۇقىرى بارلىق كىشىلەرنىڭ خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن بىردەك ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋەقەدىن خەۋەرداركىشىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋەقەدە مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى 17 ياشتىن تۆۋەن 5 بالا ئەسىر ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 4 ئى يارىلانغان. بالىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى مەلۇم ئەمەس.

د ئۇ ق قۇرۇلتىيى مۇكۇيلا ۋەقەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

پاكىستانغا قاچماقچى بولۇپ ماڭغان ئون نەچچە ئۇيغۇرنىڭ گۇما ناھىيىسى مۇكۇيلا يېزىسىدا خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ، 7 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ۋەقە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرۈش سىياسىتى داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە خانىم ئامېرىكا، ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە دۇنيا ئىسلام ئەللىرى كېڭىشىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىگە شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر باستۇرۇش قىلمىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەشكە چاقىردى.

28-دېكابىر گۇما «مۇكۇيلا ۋەقەسى» دە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يارىلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلارنىڭمۇ بار.

ئاقسۇدا 20 نەچچە كىشى دىنىي سەۋەبلەردىن قولغا ئېلىندى

يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» گە زەربە بېرىش نامىدا 20 نەچچە كىشىنى قولغا ئالغان. ساقچى تەرەپ 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇيۇقسىز كېچىلىك ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، 60 نەچچە كىشىنى سوراق قىلغان.

21 كىشىنى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، قانۇنسىز دىنىي كىتاب ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بوز بىلەن چۈشكەن رەسىمىنى ساقلىغان، دېگەن ئەيىبلەش بىلەن قولغا ئالغان.

ئاقسۇ شايار ناھىيىسىنىڭ بىر ساقچى خادىمى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى دەلىللەپ، ئۇلارنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 24-دېكابىر چاقىرىلغان «مۇقىملىقنى ساقلاش يىغىنى» دا ئامانلىق كۈچلىرىنى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» ۋە «رادىكال دىنىي ھەرىكەتلەر» گە زەربە بېرىشكە چاقىرىق قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتۇش تەۋەسىدىكى دىنىي زاتلارغا، ئوقۇغۇچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى كېلىشىمگە ئىمزا قويدۇردى

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئاتۇش تەۋەسىدىكى 22 مەسچىتنىڭ ئىمامى ۋە مۇناسىۋەتلىك دىنىي زاتلارنى يىغىۋېلىپ، مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇغۇچىلارغا چەكلىمە قويۇش توغرىسىدىكى بىر كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

د ئۇ ق يەرلىك دائىرىلەرنى 23-دېكابىر كۈنى ئىماملارغا كومپارتىيە ئەزالىرى، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار ھەمدە ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى كېلىشىمگە ئىمزا قويدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا دائىرىلەر دىنىي زاتلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇلار كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلسا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا بېرىۋاتقان تەمىناتنى توختىتىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ خىل دىنىي چەكلىمە رايون ۋەزىيىتىنى ئىلگىرىلەپ ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى ئىككى بايرام مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت بازىرىدا تازىلاش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا جايلارغا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئىككى بايرام ۋە قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت بازىرىدا تازىلاش ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى جايلاردىن بۇ يىل 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە مەدەنىيەت بازىرىدا تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، ئاتالمىش بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پىكىر-ئېقىملارغا زەربە بېرىش، بۇ خىل پىكىر ئېقىملارنى تەرغىب قىلىنغان كارائوكەي، سىنئالغۇ، DVD، كىتاب، ژۇرنال قاتارلىق مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى تازىلاشنى تەلەپ قىلغان.

دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىكىر قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە بىلىش ھوقۇقىغا قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇزچىلىقتۇر، دەپ كۆرسەتتى.

تۈركىيە م ھ پ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى يېقىندا ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، ئۈرۈمچى دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

بۇ تۈركىيىدىكى تۇرانچى بىر سىياسىي پارتىيىنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشىدۇر. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى يىلدىرىم تۈركەش باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 23-دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى خەن يۇڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

خەن يۇڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقاچان ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ ئېتنىك تۇغقاندارچىلىقى ۋە كۆۋرۈكلۈك مۇناسىۋىتىنى ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان ئىدى. بۇ قېتىم خەن يۇڭنىڭ بۇ نۇقتىنى تەكىتلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە خىتاي ھۆكۈمىتىنى شىددەتلىك تەنقىد قىلغان سىياسىي پارتىيە، گۇرۇھلارنىڭ بىرى. ئۇ ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلارنى قوغداپ، قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.