ياۋروپادا ئىگىلىك تىكلىگەن ئۇيغۇرلار-روناق تېپىۋاتقان قەشقەر ئۇيغۇر رېستورانى

0:00 / 0:00

غەربنىڭ كەسكىن رىقابەتلىك ھاياتىدا مۇساپىر بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ ياشاش تەس بولمىسىمۇ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەپ باش كۆتۈرۈش ئاسان ئەمەس.

ياۋروپا تۇپراقلىرىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەپ روناق تېپىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى يىلسېرى كۆپەيمەكتە. جۈملىدىن، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيەتلىرىنى يېمەك مەدەنىيىتى ئارقىلىق نامايان قىلىپ كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەرنىڭ سانى ئېشىپ بارماقتا.

بىز ئىلگىرى، گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قۇدرەت تاپقان شتاتىدىن بىرى بولغان باۋارىيەنىڭ مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلغان «ئۇيغۇر تىز تاماقخانىسى»، «يىپەك يولى تىز تاماقخانىسى» ۋە «تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى» قاتارلىقلار توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. بۇ پروگراممىمىزدا ئېچىلغىنىغا ئەمدىلا بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، تىجارىتى كۈنسېرى روناق تېپىۋاتقان «قەشقەر ئۇيغۇر رېستورانى»توغرىسىدا توختىلىمىز.

مەلۇمكى، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرى ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى نىسبەتەن بالدۇر باشلانغان ۋە يۈكسەلگەن بىر جاي بولۇپ، د ئۇ ق ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ باش شتابى مۇشۇ شەھەرگە جايلاشقان. بۇ شەھەردە ئىككى يىل ئىلگىرى يەنە گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى قۇرۇلدى. ميۇنخېن شەھىرىدە تەخمىنەن 600 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ياش - ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار ئىگىلەيدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ميۇنخېن شەھىرىدە سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەر زور دەرىجىدە جانلانغان. ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئاكتىپ بولۇپلا قالماي، بىر ‏- بىرىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن يۆلەشكە كۆپرەك ئەھمىيەت بەرمەكتە.

«قەشقەر ئۇيغۇر رېستورانى» ميۇنخېن شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ رېستوراننى ميۇنخېن شەھىرىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگىنىگە 14 يىل بولغان غەيرەت ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان بىر تۇغقان ئىنىسى ئەكبەرجانلار بىرلىكتە ئاچقان. رېستوران خوجايىنى غەيرەت ئەپەندى بەرگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، «قەشقەر ئۇيغۇر رېستورانى»نىڭ تائاملىرىنىڭ 70% تىن ئارتۇقراقى ئۇيغۇرچە يېمەكلەرنى ئاساس قىلىدىكەن. رېستوراندا بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە لەڭمەننىڭ بازىرى يۈرۈشكەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان چەتئەللىكلەر دائىملىق خېرىدارغا ئايلانغان.

غەيرەت ئەپەندى زىيارىتىمىز ئەسناسىدا، «قەشقەر ئۇيغۇر رېستورانى» نىڭ يالغۇز ئۇيغۇر يېمەكلىكى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئىقتىسادى ئورۇن بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى چەتئەللىكلەرگە تونۇتىدىغان سورۇنغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە، كەلگۈسىدە كۆپرەك ئىقتىسادى جۇغلانمىغا ئىگە بولسا، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن ياشىشىغا، مىللىي مائارىپىغا ھەسسە قوشۇش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

«قەشقەر ئۇيغۇر رېستورانى» نىڭ خوجايىنى غەيرەت ئەپەندىنىڭ ئايالى نۇرگۈل خانىم زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئۆزلىرىنىڭ رېستوران ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى غەربلىكلەرگە تونۇتۇش بىلەن بىرگە، كەلگۈسىدە ھېچ بولمىسا، چەتئەللەردىكى ئەۋلادلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن تەربىيىلەشتە ئىقتىسادى جەھەتتىن يار - يۆلەكتە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ئارزۇلىرى بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

«قەشقەر ئۇيغۇر رېستورانى» نىڭ تائاملىرى قەشقەر تائاملىرىنىڭ تەمىگە ئۇيغۇنلاشقان بولۇپ، ئاساسلىق خېرىدارلىرى گېرمانلار بولسىمۇ، بۇ رېستوراندىن يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن. بىز بۇ يىللىق رامىزانلىق ئىپتارنىڭ بۇ رېستوراندا كۆپ قېتىم ئۆتكۈزۈلگىنىگە شاھىت بولدۇق.