ئىستانبۇلدا يەنە بىر ئۇيغۇر رېستورانى ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2013.11.20
Ihlas-uyghur-restoran-laleli-rayoni.jpg ئىستانبۇلنىڭ ئاقساراي-لالەلى رايونغا ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئىخلاس رېستورانى» سىرتقى كۆرۈنۈشى. 2013-يىلى نويابىر.
RFA/Arslan

يېقىندىن بۇيان كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجرەت قىلىپ تۈركىيەدە ئولتۇراقلىشىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كەسپى ساھەلىرى بويىچە شىركەت قۇرۇشقا ۋە دۇكان ئېچىشقا باشلىدى.

ئىستانبۇلدا ھازىر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلغان كومپيۇتېر ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتى، قول تېلېفون ئۇچۇر ئالاقە دۇكىنى، ھەر خىل ئۆي جاھازلىرى، توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى دۇكانلىرى، ئاشخانا، ناۋايخانا، قاسساپ دۇكىنى قاتارلىق دۇكانلاردا كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان نەرسە-كېرەكلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ئىستانبۇلدا ھازىر 8 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر رېستورانى بار بولۇپ، يېقىندا يەنە ئىستانبۇلنىڭ ئاقساراي-لالەلى دېگەن رايونغا «ئۇيغۇر ئىخلاس رېستورانى» دېگەن نامدا بىر رېستوران ئېچىلدى. بۇ رېستوران ئېچىلغان لالەلى رايونى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلەردىن كەلگەن ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن قاتارلىق سودا-تىجارەتچىلەرنىڭ مەركىزى بولۇپ، بۇ رايوندا «ئۆزبېك يۈك توشۇش شىركىتى»، «رۇس تەبىئىي گازى»، «ئۆزبېك توقۇمىچىلىق قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ئەشيالىرى» دېگەنگە ئوخشاش كۆپ ساندا ئوتتۇرا ئاسىياغا ئالاقىدار سودا-سانائەت شىركەتلىرى تېپىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە «ئۇيغۇر ئىخلاس رېستورانى» نىڭ بۇ رايوندا ئېچىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېلىپ-كېتىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېك تىجارەتچىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ئېچىلغان.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز قاتارلىق خەلقلەر ئۇيغۇر تائاملىرىنى ياقتۇرۇپ يەيدىغان بولۇپ، ئىستانبۇلغا كەلگەن ھەر قانداق بىر ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تاماقلىرىنى ياكى ئۇيغۇر تاماقلىرىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن.

بىز بۇ «ئۇيغۇر ئىخلاس رېستورانى» توغرىسىدا رېستوراننى ئاچقان ئۇبەيدۇللا ئەپەندى ۋە بۇ رېستوراندا تاماق يەۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر، تۈرك ۋە ئۆزبېكلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇبەيدۇللا ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىستانبۇلنىڭ ئىككى ئورۇندا ئۇيغۇر رېستورانى بارلىقىنى، ئاقسارايدىكى رېستورانغا تاماق يېيىش ئۈچۈن كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيالىق تىجارەتچىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ تىجارەت مەركىزى بولغان لالەلى رايونىدا بىر رېستوران ئېچىشنىڭ كېرەك بولغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان تۈركىي سىستېمىدىكى خەلقلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ 3-رېستوراننى ئاچقانلىقىنى، ئۇلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇيغۇر تاماق مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن بۇ رېستوراننى ئېچىشنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆزىنى ئابدۇللاھ دەپ تونۇشتۇرغان تاشكەنتلىك بىر ئۆزبېك، ئىككى يىلدىن بۇيان ئىستانبۇل-تاشكەنت ئوتتۇرىسىدا قاتناپ يۈرۈپ تىجارەت قىلىۋاتقانلىقى، ئىستانبۇلغا كەلگەن ھامان ئۇيغۇر رېستورانىدىن تاماق يەيدىغانلىقى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەرنىڭ تاماقلىرىنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەرنىڭ مۇسۇلمان، قان-قېرىنداش خەلق ئىكەنلىكى، تارىختا نۇرغۇن ئۆزبېكلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېتىپ يەرلىشىپ قالغانلىقى، كېيىنكى دەۋردە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئوخشاش بىر قېرىنداش خەلق ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا بېسىم بىلەن ياشاۋاتقانلىقى، ئىستانبۇلغا كېلىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئۆزلىرىنىڭ دەرد-ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشتا بۇ خىل ئۇيغۇر رېستورانلارنىڭ ئېچىلىشىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.