ئاۋسترالىيەنىڭ ئۈچ چوڭ شەھىرىدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.07.05
Awstraliye-2018-5-iyul-Namayish-01.jpg 5-ئىيۇل ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 5-ئىيۇل. ئاۋسترالىيە.
Social Media

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 9 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان نامايىش 7-ئاينىڭ 5-كۈنى جەنۇبىي يېرىم شاردىكى ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورىن، ئادىلايد ۋە كانبېررا قاتارلىق ئۈچ شەھىرىدە تەڭلا ئۆتكۈزۈلدى.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئاۋسترالىيەدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىش، «ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» ۋە «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

ئاۋسترالىيە پايتەختى كانبېررادىكى نامايىشقا «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى يېتەكچىلىك قىلغان. نامايىشقا سىدنىي شەھىرى ۋە كانبېررا شەھىرى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار قاتناشقان بولۇپ، نامايىش كانبېررا شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن. 

مېلبورىن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نامايىشىغا «ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى نۇرمەمەت ئەپەندى يېتەكچىلىك قىلغان. مېلبورىندىكى نامايىش 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 10:00 دىن 12:00 گىچە خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىدا، چۈشتىن كېيىن 13:00دىن 14:00 غىچە ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مېلبورىن شەھىرىدىكى نامايىشقا ئادىلايد شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئايروپىلان ۋە ئاپتوموبىللار بىلەن 10 نەچچە سائەتلىك يولنى بېسىپ كەلگەن.

نامايىش قاتناشقۇچىلىرىدىن يۇلتۇز خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر نامايىش نامدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھاياجانلانغان نامايىش قاتناشقۇچىلىرىنىڭ 2017-يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىپ «جازا لاگېرلىرى» غا قامالغان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن نامايىشقا چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاۋسترالىيە خەلقىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن نەچچە يۈز كىلومېتىر يولنى بېسىپ نامايىش مەيدانىغا كەلگەن ئىكەن.
ئادىلايد شەھىرىدىكى نامايىشقا «ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى» نىڭ مەسئۇلى زۇلفىيە ئابدۇللا خانىم يېتەكچىلىك قىلغان. زۇلپىيە خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئادىلايد شەھىرىدىكى نامايىشنىڭ مەزكۇر شەھەردىكى جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا 7-ئاينىڭ 5-كۈنى پەيشەنبە چۈشتىن كېيىن 1:00 دىن چۈشتىن كېيىن 3:00 كېچە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، نامايىشقا يەنە پارلامېنت ئەزالار گۇرۇپپىسىدىنمۇ ۋەكىللەر قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» تەرىپىدىن يوللانغان نامايىش نەق مەيدانى ھەققىدىكى سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى 3 شەھەردە 7-ئاينىڭ 5-كۈنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 9-يىللىقىنى خاتىرىلەش بىلەن بىرلىكتە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىپ، تەشۋىقات ۋاراقىلىرى تارقىتىلغان. 

ئاۋسترالىيەدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئاۋسترالىيەنىڭ 3 چوڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ تەسىرى چوڭ بولغان بولۇپ، ئاۋسترالىيەدىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار ئۆز مۇخبىرلىرىنى نامايىش مەيدانىغا ئەۋەتكەن.

مېلبورىن شەھىرىدىكى نامايىش قاتناشقۇچىلىرىدىن «ئادىلايد شەھىرىدىكى ياشلار گۇرۇپپىسى» نىڭ ۋەكىلى ئىزىدىن سۆزلىگەن نۇتقىدا نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئاۋسترالىيەدىكى خەلق ۋە ھۆكۈمەتكە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق زۇلۇملىرىنى ئاڭلىتىلىش بىلەن بىرلىكتە ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى‹ ھەققىدىكى توغرا مەلۇماتلارنى ئاڭلىتىش، بولۇپمۇ 2016-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇشۇ تاپتا مەيداندا نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئاڭلىتىلغان. 

ئادىلايد شەھىرىدىكى نامايىشچىلار ئارىسىدا تونۇلغان سىياسىي پائالىيەتچى، 80 ياشتىن ھالقىغان پېشقەدەم شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىمۇ چاقلىق ئورۇندۇقتا كېلىپ قاتناشقان. ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى نامايىش جەريانىدا ئۆزىگە بېرىلگەن سۆز پۇرسىتىدە 5-ئىيۇل كۈنىدىكى باستۇرۇشتا غايىب قىلىۋېتىلگەن كۆك كىيىملىك ئۇيغۇر قىزىغا بېغىشلانغان شېئىرىنى ئوقۇپ بەرگىنىدە، نەق مەيداندىكى نامايىشچىلار ۋە ئاۋسترالىيەلىك كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياشلار تۆكۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.