گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار مىيۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.07.05
2016.07.05
ھەر يىلى ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلەش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا بىر سىياسىي ئەنئەنىگە ئايلاندى.
بۇ يىل گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار يەنە خىتاينىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى. نامايىشچىلار خىتاينىڭ بۇنىڭدىن 7 يىل ئاۋۋال 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نامايىشنى باستۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ زىيارىتىنى نەق مەيداندا قوبۇل قىلغان د ئۇ ق مەسئۇللىرى ۋە نامايىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ نامايىش جەريانىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىلەر.