گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار مىيۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

ھەر يىلى ئۈرۈمچى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلەش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا بىر سىياسىي ئەنئەنىگە ئايلاندى.

بۇ يىل گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار يەنە خىتاينىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى. نامايىشچىلار خىتاينىڭ بۇنىڭدىن 7 يىل ئاۋۋال 5‏-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نامايىشنى باستۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ زىيارىتىنى نەق مەيداندا قوبۇل قىلغان د ئۇ ق مەسئۇللىرى ۋە نامايىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ نامايىش جەريانىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىلەر.