د ئۇ ق ھەيئىتى ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن ۋە ئادېلايد شەھەرلىرىدە مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتناشتى
2018.12.07

ئاۋسترالىيە لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتىدا (La Trobe University) ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ توساتتىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر ۋەزىيەت ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئاۋسترالىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىنىڭ تۆتىنچى كۈنى، ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن ۋە ئادېلايد شەھەرلىرىدە مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
12-ئاينىڭ 8-كۈنى مېلبورن شەھىرىدىكى ئاۋسترالىيە لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى لۇيىسا خانىم ۋە لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور جەيمىس لېيبولد قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ توساتتىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر ۋەزىيەت ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەزكۇر يىغىننى ئاۋسترالىيە لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن مېلبورندىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، خىتاي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئادېلايد، مېلبورن شەھەرلىرىدىن ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ خىل دوكلات بېرىش يىغىنلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سىياسەت بەلگىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
د ئۇ ق ھەيئىتى 8-چىسلا ئادېلايدتا ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان پارلامېنت ئەزاسى توني زاپپىئا ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشكەن. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ئادېلايد ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر بولۇپ، د ئۇ ق ھەيئىتى بۇ يەردە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتىگە قاتناشقان. ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە تەشكىلات رەئىسى نۇرمۇھەممەد مىجىت ئەپەندى، پېشقەدەم سىياسىيون ئەخمەت ئىگەمبەردى، پېشقەدەم زىيالىي سۈيۈنگۈل جانىشېف خانىم ۋە ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشقان. د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ئاۋستراليەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى بۇرۇندىن تارتىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قوللاپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى نۇرمەمەت مىجىت ئەپەندى د ئۇ ق ھەيئىتىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئۇچرىشىشتا يۇرتداشلارغا د ئۇ ق نىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق نىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.