د ئۇ ق رەئىسى ئەنگلىيەدە «جازا لاگېرلىرى» غا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.01.22
DUQ-REISI-LONDONDA_2019-01-21-01.jpg د ئۇ ق رەئىسى ئەنگلىيەدىكى «لوندون مەركىزى مەسچىتى» ۋە «لوندون ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» خادىملىرى بىلەن بىرگە. 2019-يىلى 21-يانۋار. لوندون، ئەنگلىيە.
RFA/Ekrem

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۈگۈن لوندوندىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 21-يانۋار كۈنى ئۇ ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىدىن رەھىمە خانىم بىلەن بىرگە ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بويىچە دوكلات بەرگەن.

رەھىمە خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، د ئۇ ق رەئىسىنىڭ دوكلاتىنىڭ يىغىن زالىدىكى ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 21-يانۋار كۈنى يەنە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئەنگلىيەنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نورمان بېكىر ئەپەندىمۇ د ئۇ ق رەئىسى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەردە بولغان. 

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ لوندوندىكى پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىدىن بىرى ئىسلامى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى» غا قارشى مۇسۇلمان دۇنياسىنى قوزغاش ئۈچۈن ئاساس ھازىرلاشتىن ئىبارەت بولغان. ئۇ بۇ سەۋەبتىن لوندوندىكى مەركىزى مەسچىتنى ئالاھىدە زىيارەت قىلغان.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى 23-يانۋارغا قەدەر داۋاملىشىدىكەن. بۇ جەرياندا ئۇ ئەنگلىيەنىڭ بەزى مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارىدىكەن ۋە مەركىزى لوندوندا بولغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن جازا لاگېرلىرىغا قارشى 2019-يىلى بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.