د ئۇ ق رەئىسىنىڭ ئەنگلىيەدىكى 3 كۈنلۈك زىيارىتى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.01.23
dolqun-eysa-engliye.jpg د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 20-يانۋار.
RFA/Ekrem

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەنگلىيەدىكى كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا كېلىشكەن.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ھەمدە ئىسلام دۇنياسىنى ئويغىتىش مەقسىتىدە 20-يانۋار ئەنگلىيە پايتەختى لوندونغا يېتىپ كەلگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغاندىن سىرت، خەلقئارادا تەسىرى كۈچلۈك بولغان مەركىزى لوندوندىكى بىر قىسىم مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈپ، بۇندىن كېيىن ئورتاق ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ئۆز-ئارا كېلىشىملەردە بولغان.

لوندوندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئەنگلىيە زىيارىتىنىڭ مەقسىتى ۋە ئىسلامىي تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ زۆرۈرىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، 2019-يىلى ئىسلام دۇنياسىنى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك قوزغاش ئارقىلىق خەلقئارادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە يەنىمۇ زور جامائەت پىكرى ھازىرلاشنىڭ د ئۇ ق نىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم بىر نۇقتا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 22-يانۋار كۈنى ئۇلار مەركىزى لوندوندىكى ئىسلام دۇنياسىدا تەسىرى زور بولغان بىر قىسىم مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. «مۇسۇلمانلارغا ياردەم» تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر تۈنۈگۈن يەنە لوندوندىكى «بىرىتانىيە مۇسۇلمانلار مەجلىسى» تەشكىلاتىنىمۇ زىيارەت قىلغان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 500 دىن ئارتۇق تارماق ئورگانلىرى بولغان بۇ تەشكىلاتمۇ د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

22-يانۋار كەچتە «روھىنگالارغا ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بويىچە دوكلات تەقدىم قىلغان. رەھىمە خانىم «روھىنگالارغا ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ ھەر يەرلەردە ئاچقان يىغىنلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رەسىملىك پىلاكاتلارنى ئۆزلىرى لايىھەلەپ ياساپ چىققانلىقىنى ھەمدە سەھنىلەرگە تىزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.