د ئۇ ق ھەيئىتى قەيسەرىدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى
2017.02.03
بۈگۈن 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەتىگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد خەمىت ئەپەندى باشچىلىقىدا 8 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىن بىرى بولغان قەيسەرى شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، 1964-يىلى ئۇيغۇرلار كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئەھمەت يېسەۋى تۈركىستان مەھەللىسى بىلەن 2014-2015-يىللىرىدا مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان مەھەللىنى زىيارەت قىلىپ، 600 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە جۇمە نامىزى قىلىپ، 13-ئەسىردە قەيسەرىدە قۇرۇلغان ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتىدىن قالغان ئەسىرە-ئەتىقىلەرنى زىيارەت قىلغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئەڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا سۆھبەت يىغىنى چاقىرغان.
بۇ زىيارەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مەزكۇر ھەيئەتنى قەيسەرىدە كۈتىۋالغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتىنىڭ قەيسەرىدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ قەيسەرىگە كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد خەمىت ئەپەندى، ھەيئەتنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان مەھەللىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نىغمەت ھاجىم بۇ يەرگە ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا بىر قېتىم كەلگەنلىكىنى، بۇ ئىككىنچى قېتىم كېلىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق ئەپەندى ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇر توپىنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى بەختىيار ناسىر ئەپەندى بەزى ئۇيغۇرلار ھەيئەتنىڭ زىيارىتىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن دىلشات ئىسلام ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يوقلاپ كەلگەنلىكىدىن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ خۇرسەن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
2014-2015-يىللىرى تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 2 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر قەيسەرىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇلارنى ئىككى يىلدىن بېرى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار يوقلىغاندىن سىرت، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا، ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ يوقلىدى.