فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئۇرسۇلا: «يېزىۋاتقان كىتابىمدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدىم»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.07.18
firansiye-muxbir-ursula-1.jpg ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ماقالىسى تۈپەيلىدىن خىتايدىن ھەيدەلگەن فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئۇرسۇلا خانىم پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا چاقىرىلغان 5-ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئىلھام توختى توغرىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 8-ئىيۇل، فىرانسىيە.
RFA/Qutluq

2015-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ماقالىسى تۈپەيلىدىن خىتايدىن ھەيدەلگەن فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئۇرسۇلا خانىم 8-ئىيۇل پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا چاقىرىلغان 5-ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئىلھام توختى توغرىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدا مەخسۇس بىر كىتاب يېزىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈمنىڭ نېمە سەۋەبتىن خىتايدىن ھەيدەلگەنلىكىمدىن ئىبارەت بۇ ۋەقە ھەققىدە كىتاب يېزىۋاتىمەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەسىرىمدە خىتايدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇپ خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، بىراق بىز چەتئەللىك ژۇرنالىستلار ئاللىقاچان ئىگىلىگەن بىر قىسىم پاكىتلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدىم» دېدى.

ئۇرسۇلا خانىم ئەسىرىدە خىتايدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئاساسلىق تېما قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئەسىرىمدە ئاساسلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. چۈنكى مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەنلىكىم ئۈچۈن خىتايدىن ھەيدەلگەن ئىدىم» دېدى.

بىراق، ئۇ ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ئاساسلىقى نېمىلەر ھەققىدە توختالغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.

ئۇ، ئەسىرىدە يەنە، تىبەتلەر، خىتايدىكى خرىستىئان دىنىي مۇرىتلىرى ۋە شۇنداقلا ئادەتتىكى يەر زېمىنلىرىدىن، ئۆي-مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلغان پۇقرالار توغرىسىدىمۇ توختالغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇرسۇلا خانىم كىتابى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە ھەر-خىل بېسىملارنى قىلىشىدىن قىلچە ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مەن فىرانسىيەدە ياشايمەن، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماڭا تۈرلۈك تەھدىت سېلىشىدىن قىلچە قورقمايمەن» دېدى.

ژۇرنالىست ئۇرسۇلا ئۆزىنىڭ كىتابىنىڭ فىرانسۇز ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا نەشر قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، يېقىن كەلگۈسىدە ئەسەرنىڭ تەيۋەن ۋە خوڭكوڭلاردا خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىنىمۇ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ژۇرنالىست ئۇرسۇلا خانىم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى سۆھبىتىمىزگە ھەمسۆھبەت بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئۇرسۇلا خانىمنىڭ يېقىندىن بۇيان خەلقئارالىق سورۇنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا بەلگىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇرسۇلا خانىم بىلەن ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە پىكىرلىشىپ كېلىۋاتقان فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىس ئەركىن ئابلىمىت ئۆتكەن يىلى ئۇرسۇلا خانىم خىتايدىن ھەيدىلىپ فىرانسىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، فىرانسىيە ئاخباراتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى جانلىق ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئۇرسۇلا خانىمنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنىدىغان مەزكۇر كىتابىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.