گېرمانىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.10.02
germaniye-1-oktebir-2017-namayish.jpg مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدىكى د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 2-ئۆكتەبىر، ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

بۈگۈن، يەنى 2-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدىكى د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2-ئۆكتەبىر كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى بولۇپ ئۆتتى. نامايىشقا ميۇنخېن، فرانكفۇرت، كارلسىرۇخ ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار كېلىپ قاتناشتى.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، د ئۇ ق تەشەببۇسى بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىدە ھەرقايسى ئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى خەلقئارالىق بىر ھەرىكەت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ميۇنخېندىكى نامايىشچىلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، تۈرلۈك تەشۋىقات لوزۇنكىلىرى ۋە رەسىملىك تاختايلارنى كۆتۈرۈشۈپ، ئۇيغۇرچە، گېرمانچە، خىتايچە جاراڭلىق شوئارلار بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپلىرىنى ئىپادە قىلىشتى.

بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى سەۋەبلەرنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىي سىياسەتلىرىنىڭ چەتئەلدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

نامايىش جەريانىدا يەنە بىرقىسىم سىياسىي ئاكتىپلار ۋە دىنىي زاتلار نۇتۇق سۆزلەپ، خىتايغا قارشى كۈرەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىشتى. گېرمانىيەدىكى جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابدۇللاھ ئەپەندىمۇ نامايىش ئاخىرىدا كۆك بايراققا ئاتاپ يازغان شېئىرىنى جامائەتكە تەقدىم قىلدى.

سائەت 15:00 تە باشلانغان بۇ نامايىش ئىككى سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.